‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى ››نىڭ تولۇق ئاتىلىشى ‹‹دۇنيا كىتاب ۋە نەشىر ھوقۇقى كۈنى›› بولۇپ، قىسقارتىلىپ ‹‹دۇنيا كىتاب كۈنى››، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇنى دەسلەپ خەلقئارا نەشرىيات سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسى ئوتتۇرىغا قويغان. 1972–يىلى ب د ت مائارىپ، پەن–مەدەنىيەت مەھكىمىسى پۈتكۈل دۇنيانى ‹‹ئوقۇش تىپىدىكى جەمئىيەتكە يۈزلىنىش›› كە چاقىرغان ھەم ھەر بىر ئادەمدىن كىتاب ئوقۇشنى تۇرمۇشنىڭ زۆرۈر مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1995–يىلى خەلقئارا نەشرىيات سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ 25–قۇرۇلتىيىدا ‹‹دۇنيا كىتاب كۈنى›› ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ب د ت نىڭ مائارىپ، پەن–مەدەنىيەت مەھكىمىسىگە رەسمىي يوللانغان. كېيىن رۇسىيەنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ‹‹دۇنيا كىتاب كۈنى›› دېگەن نام‹‹دۇنيا كىتاب ۋە نەشىر ھوقۇقى كۈنى›› گە ئۆزگەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ب د ت مائارىپ، پەن–مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ 1995–يىلى10–ئاينىڭ 25–كۈنىدىن 11–ئاينىڭ 16–كۈنىگىچە ئېچىلغان 28–قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھەر يىلى 23–ئاپرېلنى ‹‹دۇنيا كىتاب ۋە نەشىر ھوقۇقى كۈنى›› قىلىش بېكىتىلگەن.
‹‹دۇنيا كىتاب كۈنى›› نى 4–ئاينىڭ 23–كۈنىگە بېكىتىشنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. ئىسپانىيەنىڭ كاتالۇنا دېگەن يېرىدىكى خەلق ئارىسىدا ھەر يىلى 4–ئاينىڭ 23–كۈنى بىر پارچە كىتاب سېتىۋالغان كىشىگە بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىش ئەنئەنىگە ئايلانغان، بۇ كۈن يەنە ئىسپانىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى سىرۋانتېس (1547–1616) ۋاپات بولغان كۈن. ئىسپانىيىدىكى داڭلىق يازغۇچىلار بۇ كۈنى جەم بولۇپ، سىرۋانتېسنىڭ ‹‹دونكىخوت›› ناملىق روماننى ئىككى مىنۇتتىن ئۈنلۈك ئوقۇيدىكەن. شېكىسپىر 1564–يىلى4–ئاينىڭ 23–كۈنى تۇغۇلۇپ، 1616–يىلى 4–ئاينىڭ 23–كۈنى ۋاپات بولغان. ئەنگلىيەلىكلەر بۇ ئالاھىدە كۈننى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، شېكىسپىرگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدىكەن.
ب د ت مائارىپ، پەن–مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ بۇ كۈننى ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى›› قىلىپ تاللىشى دۇنيادىكى مەشھۇر يازغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈشنى، يەنە بىر تەرەپتىن، ياشلار ۋە بالىلارغا كىتاب ئوقۇشتىن كېلىدىغان خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved