مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭدا مەركەز، شىنجاڭ، ۋىلايەت-ئوبلاسىت ( ناھىيە)دىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ياردەم بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ نامراتلارنى يۆلەشكە كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشىدەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى، 4-نۆۋەتلىك نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە، تۆت يىلدا شىنجاڭدا نامرات نوپۇستىن بىر مىليون 233 مىڭ 800 نى ئازايتىلدى.
جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشى جەريانىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ باش بولۇپ يۆلىشى ئاستىدا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى بۇ پائالىيەتكە قىزغىن قاتناشتى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە شەھەر، پۇقراۋى كارخانىلار نامرات رايونلارغا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، شەرەپلىك ئىشنى قانات يايدۇردى. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنىڭ پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم توپلىشى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق نامرات كەنتلەرگە مېھرى-مۇھەببىتىنى بېغىشلىدى ۋە ياردەم قىلدى.
4-نۆۋەتلىك نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە، شىنجاڭدىكى كەنتلەرگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرغان تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ سانى 6985 گە يېتىپ، نامرات كەنتلەرگە بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ بىر مىليارد 559 مىليون يۈەنگە، ماسلاشتۇرۇپ جەلپ قىلىنغان مەبلەغ بىر مىليارد 420 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىكى كەنتلەرگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرغان تارماق ۋە ئورۇنلىرى 228 دىن 285 گە كۆپىيىپ، نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان نامرات كەنتلەر 543 گە يەتكەن، پۇل ۋە ماددىي مەبلەغ ئومۇمىي سېلىنمىسى 443 مىليون يۈەنگە، ماسلاشتۇرۇپ جەلپ قىلىنغان مەبلەغ 608 مىليون يۈەنگە يەتكەن. مەيلى قاتنىشىش دەرىجىسى، ياردەم قىلىش ساھەسى، ياكى سېلىنمىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى، خىزمەت سالمىقى جەھەتتىن بولسۇن، ھەممىسى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان.
شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلار ‹‹بىر كەنتكە ياردەم بېرىش، بىر كەنتتە ئۈنۈم يارىتىش، بىر كەنتنى ئۆزگەرتىش پىرىنسىپى›› بويىچە، پۈتۈن كەنتنى ئالغا ئىلگىرلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەم قالغان تۈرلەرنى ئاكتىپ تۇلۇقلاپ، نامرات كەنت ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ، توك ئىشلىتىش، يول يۈرۈش، ئىسسىنىش، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىش، ئۇچۇر سۇپىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، % 90 تىن يۇقىرى نامرات كەنتنىڭ قىياپىتى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئاكتىپلىق بىلەن نامرات كەنتلەرنىڭ تەپەككۇر يولىغا ۋە پىلان تۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، نامرات كەنتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشىلاپ، كەنتلەردە يىتەكچى كەسىپ بولۇش، ئائىلىلەردە كىرىم ئاشۇرىدىغان تۈر بولۇشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ياردەم بېرىش تۈرىدىن 3100 دىن كۆپرەكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرخىل تەربىيەلەش كۇرسلىرىدىن 15949 قارار ئۆتكۈزۈپ، نامرات دېھقان- چارۋىچىدىن 960 مىڭ ئادەم (قېتىم) تەربىيەلەپ، پۈتۈن كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنى 45 مىليون 430 يۈەن يۇقىرى كۆتۈردى.
![]() |
يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved