مىكروسوفتنىڭ WP8 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن كونا يانفوننى يېڭى يانفونغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشى بىر-ئىككى قېتىملىقلا ئەمەس.
بەلكىم بۇ ھەم يېڭى خېرىدارلارنى جەلپ قىلغىلى بولىدىغان ھەم رىقابەتچىلىرىگە ۋاستىلىق ھالدا بېسىم چۈشۈرۈپ سېتىش ئۇسۇلى بولىشى مومكىن. نۆۋەتتە مىكروسوفت نوكىيا Lumia1020/1520 نىڭ يېڭىنى
كونىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى.
ئىستىمالچىلار ئىشلىتىۋاتقان تۆتىنچى ئەۋلاد ئالما يانفونى(iPhone4/4S) ياكى سامسوڭ Galaxy S2 يانفونىنى
ئېلىپ كىلىپ، نوكىيا Windows Phone 8 تىپىدىكى Lumia1020 بىلەن Lumia1520 يانفونىغا ئالماشتۇرسا بولىدىكەن. بۇ پائالىيەت پەقەت ئامېرىكا ۋە پوئېرتورىكودىلا يولغا
قۇيۇلىدىكەن ھەمدە AT&T بىلەن ئىككى يىللىق توختام ئىمزالاش زۆرۈر ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، خېرىدارلار ئالماشتۇرماقچى بولغان ئالما ۋە سامسوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى شۇنداقلا سەپلىمىلىرىنىڭ نورمال ئىشلەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن. مىكروسوفتنىڭ WP8 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى كىڭەيتىش غەرىزى
ئاشكارىلاندى، Windows Phone زادى باش كۈتۈرەلەمدۇ يوق، بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved