ئوباما پۈتۈن ئامېرىكىدا بايراقنى بەش كۈن يېرىم چۈشۈرۈپ قازا قىلغانلار تەزىيە بىلدۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى

«يەر شارى تورى خەۋىرى» نۇر تورى تەرجىمىسى:

سىنگاپور «سەھەر بىرلەشمە گېزىتى»نىڭ 23- مارتتىكى خەۋىرىگە  قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 22- مارت، پۈتۈن ئامېرىكىدا بايراقنى بەش كۈن يېرىم چۈشۈرۈپ تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار تەزىيە بىلدۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، ئوبا شۇ كۈنى ئاق سارايدا ئېلان قىلغان زۇڭتۇڭ باياناتىدا:«ئامېرىكا خەلقى بېلگىيە خەلقى بىلەن قەتئىي بىر مەيداندا تۇرىدۇ، ئامېرىكا تەرەپ بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ۋە خەلقئارادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ» دېگەن. ئوباما يەنە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 22- مارتتىن باشلاپ، ئاق ساراي، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى بارلىق ئاممىۋى سورۇنلار، بارلىق ھەربىي ئىشلار بازىسى، دېڭىز ئارمىيە بازىسى ۋە بارلىق فېدېراتسىيە ھەربىي كېمىلىرىنىڭ 3- ئاينىڭ 26- كۈنى كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈشىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئوباما يەنە، ئوخشاش ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق بارلىق باش ئەلچىخانىلىرى، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەلچىخانىلىرى، كونسۇلخانىسى ۋە ھەربىي ئىشلار ئەسلىھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي كېمىلەر ھەمدە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان بارلىق چەتئەل ئەسلىھەلىرى بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ، قازا قىلغۇچىلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرىدۇ،دېگەن. ئوباما شۇ كۈنى بېلگىيە باش ۋەزىرى مىشېل بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ بېلگىيە، ش ئا ئە ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 22- مارت بىريۇسسېلنىڭ شەھەر سىرتىدىكى زاۋېنتېم ئايرودرومىدا ۋە شەھەر ئىچىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئىشتابىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى مېترو بېكىتىدە زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 34 ئادەم قازا قىلىپ،187 ئادەم يارىلانغان. ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بۇ قېتىملىق ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.




خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek