2-ئىيۇن ، مۇخبىرنىڭ تۇرپان ساقچى تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، تۇرپان ۋىلايىتى قاتتىق بوران ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . تۇرپان ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىدا قاپسىلىپ قالغان 139 ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالغان .
31-ماي ، تۇرپان ۋىلايىتى قاتتىق بوران ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، تۇرپاننىڭ توقسۇن ناھىيەسىدىكى شامال ئېغىزى يول بۆلەكلىرىدە نۇرغۇن ئاپتوموبىل ۋە ئادەم قاپسىلىپ قالغان .
تۇرپان ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:20 ئەتراپىدا قۇتقۇزۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان . نەتىجىدە ، 12 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت تىركىشىش ئارقىلىق ، قاپسىلىپ قالغان 50 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ۋە 139 ئادەم قۇتقۇزۋېلىنغان .
![]() |
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
|
![]() |
پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved