ئەنگىلىيە مۇستەقىل فىلىم مۇكاپاتى لوندوندا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

       شۇ جاي ۋاقتى 6-دېكابىر كەچ، 18-نۆۋەتلىك ئەنگىلىيە مۇستەقىل كىنو مۇكاپاتى لوندوندا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى كەچتە كەرېي مۇللىگان، سائورىس رونان، ئەيلىشىيا ۋىكاندېر، ماغىيون كوتىلاد ۋە كولىن فاررېل قاتارلىق چولپانلار قىزىل گىلەمدە پەيدا بولدى. ئەسىرى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان چولپانلار ئالاھىدە كېلىپ بۇ قېتىملىق كىنو بايرىمى ئۈچۈن سەپ تۈزدى.

ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ يىللىق ئاز تەننەرخلىق فانتازىيەلىك فىلىم «ئايال ماشىنا ئادەم» ئەڭ چوڭ يەڭگۈچىگە ئايلاندى. ئەڭ نادىر ئەنگىلىيە مۇستەقىل فىلىمى، ئەڭ مۇنەۋەر رېژىسسور، ئەڭ مۇنەۋەر سىنارىست، ئەڭ نادىر تېخنىكا قاتارلىق تۆت تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇندىن سىرت، سائورىس رونان «برۇكلىن» دىكى رولىغا تايىنىپ كۈچلۈك رەقىبى كەرېي مۇللىگان («ئايال سىياسىي ھوقۇق مۇنازىرىسىگە قاتناشقۇچى»)، ماغىيون كوتىلاد («Macbeth») ۋە شارلوت رامپىلىڭ («45 يىللىقى») نى مەغلۇب قىلىپ ئوسكار نامزاتلىقىغا ئېرىشتى؛ تام خاردى «رىۋايەت» تىكى رولىغا تايىنىپ ئىككى تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ ئىلگىرى تورونتو كىنو بايرىمىدا خەلق تاللاش مۇساپىتىغا ئېرىشكەن «ئۆي» «كارول» ۋە «سائولنىڭ ئوغلى» نى مەغلۇپ قىلىپ خەلقئارا ئەڭ نادىر قىسقا فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

18-نۆۋەتلىك ئەنگىلىيە مۇستەقىل كىنو مۇكاپاتى تىزىملىكى:

ئەڭ نادىر ئەنگىلىيە مۇستەقىل فىلىمى: «ئايال ماشىنا ئادەم»

ئەڭ مۇنەۋەر رېژىسسور: ئالىكىس گارلەنىد «ئايال ماشىنا ئادەم»

ئەڭ مۇنەۋەر ئايال باش رولچى: سائورىس رونان «برۇكلىن»

ئەڭ مۇنەۋەر ئەر باش رولىچى: تام خاردى «رىۋايەت»

ئەڭ مۇنەۋەر ئايال يانداش رولچى: ئولۋىيا كومان «چوڭ راك»

ئەڭ مۇنەۋەر ئەر يانداش رولچى: برېندان گلېسون «ئايال سىياسىي ھوقۇق مۇنازىرىسىگە قاتناشقۇچى»

ئەڭ مۇنەۋەر سىنارىست: ئالىكىس گارلەنىد «ئايال ماشىنا ئادەم»

ئەڭ نادىر خەلقئار مۇستەقىل فىلىم: «ئۆي» (ئېرلاندىيە\\كانادا)

ئەڭ مۇنەۋەر تۇنجى ئەسەر رېژىسسورى: ستېفېن فىڭگېلتون «ھايات قالغۇچى»

ئەڭ نادىر تېخنىكا ئۇتۇقى: ئاندرېۋ ۋايىتخارست (كۆرۈش تۇيغۇسى ئالاھىدە ئۈنۈمى) «ئايال ماشىنا ئادەم»

ئەڭ نادىر ھۈججەتلىك فىلىم: «قارا تۇلپار» (Dark Horse: The Incredible True Story of Dream Alliance)

ئەڭ ئىستىقبالى بار يېڭى ئادەم: ئابىگايىل خاردىڭھام «مەڭگۈلىك نىنا»

يىللىق فىلىم ئىشلىگۈچى: پائۇل كەيتىس ۋە ئاندرېۋ ( Andrew De Lotbiniere) «كاجاكى»

ئەڭ نادىر قىسقا فىلىم: «ئېدمونىد» (Edmond)



خەتكۈچلەر:
08-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    4-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ دېسنىي باش تېمىسىدىكى رەڭدار نەقىشلىك تۇنجى ئايروپىلانى بېيجىڭ پايتەخت ئايرودرومىدا ئۇچۇشقا تەييارلاندى. شۇ كۈنى، بۇ ئايروبۇس A330 تىپلىق ئايروپىلان شاڭخەي خۇڭچياۋ خەلقئارا...
26-04-2016
    2016-يىلى 26-ئاپرېل خەۋىرى (كونكرېت سۈرەتكە تارتىلغان ۋاقىت ئېنىق ئەمەس). بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر، دۇبەينىڭ قويۇق تۇمان بىلەن قاپلانغان ئاسمىنىنى نامايان قىلغان. چىراغ نۇرى بىلەن يورۇپ كەتكەن ئۇپۇق سىزىقىدىن تارتىپ، بۇ...
24-04-2016
    يېڭى «تۈرمىدىن قېچىش» نى سۈرەتكە ئېلىش خىزمەتلىرى بۇ ئاينىڭ 10-كۈنى كانادا باشلاندى. ئىگەللىنىشىچە ھازىر بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىككى قىسىم سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان. بۇ يېڭى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى: لى...
24-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 23-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 1-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى. ب د ت مائارىپ، پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىجراچىسى ئىرىنا بوكوۋا (Irin...
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
Powered by Leglek