خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەسپىي ئورۇنلار جەمئىيەتتىن 706 نەپەر خىزمەتچى خادىم تەكلىپ قىلدى. تىزىملىتىش ئاخىرلىشىشقا قەدەر، جەمئىي 11835 ئادەم 429 ئىش ئورنىغا تىزىملاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە 1364ئادەم مائارىپ تۈرىدىكى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقان، 1604ئادەم داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش تۈرىدىكى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقان، 8489ئادەم باشقا كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقان، 378ئادەم ئىشچى، تېخنىك تۈرىدىكى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقان.
ئۇنىۋېرسال پەن ئىمتىھانى 9-ئاۋغۇست سائەت10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئېلىندى. ئىمتىھان نەتىجىسى 17-ئاۋغۇست سائەت 18 دە ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر نەتىجىسىنى ئۈرۈمچى كادىرلار ئىمتىھان تورى (www.wlmqrsks.comدا تەكشۈرسە بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved