يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى : فىرانسىيە خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، غەززەنى قايتا قۇرۇشقا خەلقئارا ياردەم بېرىش يىغىنى مىسىر ۋاقتى 12-ئۆكتەبىر قاھىرەدە ئېچىلغان . فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيلىشىچە ، يىغىنغا قاتناشقان 50 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ غەززەنى قايتا قۇرۇش ياردەم مەبلىغى بەش مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن .
پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە 2014-يىلى كۈزدە 50 كۈنلۈك ئۇرۇش ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ، بۇ قېتىمقى يىغىندا تەخمىنەن تۆت مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە توپلاپ ، ئازاب-ئوقۇبەت پاتقىقىغا پېتىپ قالغان غەززە رايونىغا ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنغان . بۇنىڭدىن ئىلگىرى ، پەلەستىن دائىرىلىرى غەززەنى قايتا قۇرۇشقا تۆت مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇنىڭدىن باشقا ، يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى يىغىندا، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە سۆھبىتىنى قايتا ئېلىپ بېرىپ ، ئۇزاققىچە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved