ئاپتونوم رايونىمىزدا كەسپىي ئادۋوكاتلار 30 يىلدا 36 ھەسسە كۆپەيدى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغىنىغا 60 يىل بولدى، 60 يىلدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئەسلىسەك، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ئۇنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئادۋوكاتلار بارلىققا كەلدى   63 ياشقا كىرگەن ساۋ خۇڭ شىنجاڭ ‹‹بېيفاڭ›› ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى. ئۇ 1980 – يىلىدىن باشلاپ قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزالىقىغا سايلانغان، شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. 10 – نويابىر ساۋ خۇڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتۇق.

  1954 – يىلى 9 – ئايدا يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ‹‹ئاساسىي قانۇن›› ۋە ‹‹خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى›› ئېلان قىلىنىپ، جىنايى ئىشلار جاۋابكارىنىڭ ئاقلىنىش ھوقۇقى قانۇندا مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە دەۋاغا قاتنىشىش سالاھىيىتى ۋە ئورنى بېكىتىلدى.

  1955 – يىلى 3 – ئايدا شىنجاڭدا 2 – قېتىملىق ئەدلىيە يىغىنى ئېچىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش قارار قىلىندى. ئارقىدىن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىككى ئاقلىغۇچى قويۇپ، ئادۋوكاتلىق كەسپىنى سىناق تەرىقىسىدە بېجىرىشنى قارار قىلدى.

  1956 – يىلى 10 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ئورنى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭدا تارىختىن بۇيان تۇنجى ئادۋوكاتلىق خىزمەت ئاپپاراتى بارلىققا كەلدى.

  1957 – يىلى 11 – ئايدىكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقىتتا ئەدلىيە نازارىتى تەستىقلىغان مەخسۇس ئادۋوكاتتىن 22سى، پىراكتىكانت ئادۋوكاتتىن سەككىزى، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئادۋوكاتتىن يەتتىسى، جەمئىي 37 ئادۋوكات بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئادۋوكات 14 ئىكەن.

  ‹‹لېكىن 1957 – يىلىدىن 1976 – يىلىغىچە، شىنجاڭدىمۇ مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش 20 يىل <ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى بولماسلىق، ئادۋوكاتلىق خىزمىتى بولماسلىق> ئەھۋالى كۆرۈلدى›› دېدى ساۋ خۇڭ ئەسلەپ.

  1979 – يىلى ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى ئەسلىگە كەلدى

  1978 – يىلىنىڭ ئاخىرى تارىخىي بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ج ك پ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. 1979 – يىلى 7 – ئايدا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى›› ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› ئېلان قىلىندى. ‹‹شىنجاڭ ئادۋوكاتلار تەرەققىيات دوكلاتى››دا خاتىرىلىنىشىچە، 1979 – يىل 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى بىلەن 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى مەركەز ۋە گوۋۇيۈەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىن ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئارقىدىنلا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلاردىن مۇددەت ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ئورنى قۇرۇپ، ئادۋوكاتلىق خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

  30 نەچچە يىلدا ئادۋوكاتلار 36 ھەسسە كۆپەيدى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ئورنى قۇرۇلۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر نەچچە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىمۇ قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ئورنى قۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم ئادۋوكات ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئادۋوكات سەپلەندى.

  1980 – يىلى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئادۋوكاتلىق ئورنى شىنجاڭ ئادۋوكاتلىق ئورنى تەسىس قىلىندى. شۇ يىلى شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندە ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنىدىن 71ى، ئادۋوكاتلاردىن 204ى بار ئىدى. 2014 – يىلى 12 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ كوللېكتىپ ئەزاسى 435كە، شەخسىي ئەزاسى 4200گە، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئادۋوكات 947گە يەتتى.

  2008 – يىلى 8 – ئاۋغۇست شىنجاڭدىكى تۇنجى شەخسى ئادۋوكاتلىق ئورنى ‹‹شىنجاڭ <خۇاڭبو> ئادۋوكاتلىق ئورنى›› ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپىدە يېڭى شەكىل بارلىققا كەلدى.

  ‹‹ھازىر شىنجاڭدا ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 30 يىل بۇرۇنقىدىن 36 ھەسسە ئاشتى. 1982 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر 111 مىڭ كىشىگە بىردىن ئادۋوكات توغرا كېلەتتى، 2012 – يىلى ھەر 6800 كىشىگە بىردىن ئادۋوكات توغرا كېلىدىغان بولدى. قانۇن خىزمىتى ئاپپاراتلىرى ۋە كەسپى ئادۋوكاتلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى قاپلىدى›› دېدى ساۋ خۇڭ. قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى

  لى شىنيۈەن، 54 ياش، 1982 – يىلى شىنجاڭ سىياسىي – قانۇن كادىرلار مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ‹‹ئەينى ۋاقىتتا قانۇن يۈرگۈزۈش تارماقلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن يۆتكەپ كېلىنگەن، كەسپىي سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس ئىدى. كېيىن سودىيە، پىروكۇرورلار بىر تۇتاش ئىمتىھان بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغان بولدى، كېيىن يەنە كىرىش بوسۇغىسى ئېگىزلىتىلىپ، ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش ئىمتىھان ئالىدىغان بولدى. ھازىر قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرى دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانى ئارقىلىق تاللىنىدۇ، قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار تەدرىجىي كەسىپلىشىشكە يۈزلەندى›› دېدى لى شىنيۈەن 12 – نويابىر.

  لى شىنيۈەننىڭ قارىشىچە، قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى بارغانسېرى ئاشقاندىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزدا قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىمۇ بارغانسېرى مۇكەممەللەشكەن. 2010 – يىلى 5 – ئايدا مەركەزنىڭ 1 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تېز تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىمۇ ‹‹تېز سۈرئەتلىك يول››غا قەدەم قويدى. يەرلىك قائىدە – نىزاملارنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 2010 – يىلىدىن 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەرلىك قائىدە – نىزامدىن 87نى، ھۆكۈمەت بەلگىلىمىسىدىن 112نى تەرتىپكە سالدى.

  2010 – يىلى 23 – نويابىردىن 25 – نويابىرغىچە بولغان ئۈچ كۈن شىنجاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدىغان ئۈچ كۈن بولدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىپ، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى يەنە بىر يېڭى دەۋرگە يول ئالدى››، دېدى لى شىنيۈەن خۇشاللىق بىلەن.



خەتكۈچلەر:
08-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek