نۇرلۇق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. ئىراق مۇخبىرلار جەمئىيىتى شۇ يەر ۋاقتى 6-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 2014-يىلى 14 ئاخبارات خادىمىنىڭ ئىراقتىكى تۈرلۈك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخباراتتا، ئىراقتا پەقەت ئاخبارات خادىملىرىغا قارىتىلغان دېلودىنلا 23 ئى يۈزبەرگەنلىكى، بۇنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، قانۇنسىز قاماپ قويۇش، ئۇرۇش ۋە خىزمەت ئورنىغا، تۇرالغۇسىغا ھوجۇم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى،كۆپۈنچىسىنىڭ مەقسىتىنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى ئاشكارىلاپ قويۇشنى توسۇش ئىكەنلىكى ئېيتىلدى.
ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: گەرچە ئىراق ھۆكۈمىتى ئاكتىپ ئۇچۇر تارقاتقان،مەسىلەن، 2014-يىلى سىنتەبىردە ئىچكى كابېنتنى مۇۋاپىقىيەتلىك تەشكىللىگەن ئابادى ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتنىڭ مۇخبىرلار ۋە تاراتقۇلارغا قارىتىلغان بارلىق ھۆكۈم چىقىرىلمىغان دەۋالارنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ لېكىن يۇقارىقىدەك ۋەقەلەر يەنىلا يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئىراقتىكى ئاخبارات خادىملىرى يەنىلا زور خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved