لەگلەك تورى تەرجىمىسى: خەلق تورى ئۈرۈمچى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلگىراممىسى: مۇخبىرنىڭ 21-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى،دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش فىلوتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ماقۇللىغان سانلىق مەلۇماتتا 2015-يىلى بىرىنچى پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممەت120 مىليارد975 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويۇنچە ھىساپلىغاندا، 2014-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىن 6.9% ئاشقان. ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭكىدىن 0.1 پىرسەنت تۆۋەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.3% چۈشكەن.
ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدە ئالماشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جۇڭشەننىڭ تونۇشتۇرشىچە،بىرىنچى پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئايلانمىسى مۇقىم، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدە ئالماشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.ئاساسلىق ئىقتىساد ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بۇرۇنقى 2-كەسىپتىن 3-كەسىپكە ئالماشقان. 3-كەسىپ شىنجاڭ بىرىنچى پەسىلدىكى ئىقتىساد ئېشىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قالغان.مۇلازىمەت كەسپى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشتىكى تۆھپىسى 48.4%گە يەتكەن بولۇپ،2014-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14.4% ئېشىپ، ئىقتىساد ئېشىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بۇلۇپ، بۇرۇنقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى 2-كەسىپكە تايىنىشتەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتكەن.
2015-يىلىدىن بويان خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋەزىيەت مۇقىم، 1-پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر-بازار يىڭدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 117مىڭ 200 گە يېتىپ 1.1% ئاشقان. يېزا ئىگىلىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 458 مىڭ ئادەمگە يەتكەن.شەھەر-بازار ئاھالىسى كىرىمى تىز ئاشقان. شەھەر-بازار ئاھالىسى ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم باھا ئامىلنى چىىقىرۋەتكەندە، ئەمەلىي ئاشقىنى 9.4%.يېزا ئاھالىسى ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئەمەلىي ئاشقىنى12.4% بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved