ئابروي ئۈچۈن يالغان نومۇر تاختىسى ياسىغان ئەر

ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

توي مۇراسىمىغا قاتناشقاندا ئابرۇيىنى كۆز كۆز قىلىش ئۈچۈن يالغان ماشىنا نومۇر تاختىسى ياسىغان. بۇ يېقىندا خېنەن ئۆلكىلىك قاتناش ساقچىلىرى بايقىغان جىنايى قىلمىش. ماشىنا ئىگىسنى كۈتۈۋاتقىنى بولسا قاماققا ئېلىش ۋە جەرىمانە قۇيۇش جازاسى.

 

3-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر سائەت بىردىن ئاشقاندا خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش ساقچىلىرى تۆتىنچى تارماق ئەترىرىنىڭ خەلق ساقچىلىرى بېيجىڭ شياڭگاڭ-ئاۋمېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ خېنەن ئۆلكىسى بىلەن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پاسىلىدا نومۇر تاختىسى « 晋C 888B8 » ( جىن خېتى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ قىسقارتىلما نامى.) بولغان بىر ماشىنىنى بايقىغان. بىراق ماشىنا ئىگىسى خۇاڭ X نىڭ يول يۈرۈش كېنىشكىسىدە كۆرسىتىلگىنى بولسا « 晋C 99868 » نومۇر تاختىسى بۇلۇپ چىققان. ساقچىلار خۇاڭ X نىڭ ماشىنىسى ئىچىدىن « 晋C 99868» بولغان نومۇر تاختىسىنى تاپقان.

 

بۇنىڭغا قارىتا خۇاڭ X چۈشەندۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە ئىكەنلىكىنى، بۇ بىر نەچچە كۈندە يۇرتىغا قايتىپ بىر توي مۇراسىمغا قاتناشقانلىقىنى ، ھەمدە « 晋C 888B8» ( خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى : بېيىش بېيىش بېيىش چوقۇم بېيىش دەپ ئېلىنغان.) بولغان نومۇر تاختىسىنى ئېسىۋالسا قارىماققا خېلى ئابرويى باردەك كۆرىنىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن قايتاشىدا قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.

 

خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە خۇاڭ X نىڭ قىلمىشى يالغان قاتناش ۋاستىلىرى نومۇر تاختىسى ئىشلەتكەن دەپ ئەيىبلىنىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۇ 15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ قېلىنىدىكەن ھەمدە 2000 يۈەندىن يۇقىرى 5000 يۈەندى تۆۋەن جەرىمانىگە ئۇچرايدىكەن. ھازىر بۇ دېلو خېبېي ئۆلكىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بىرىلگەن.



خەتكۈچلەر:
16-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek