جوڭگۇ تورى(لەگلەك تورى تەرجىمىسى)سەئۇدى ئەرەبىستان ھازىرقى دۇنيادىك ئەڭ ئېگىز بىنا دۇبەي خەلپە مۇناىرىدىن 173مېتىر ئېگىز بولغان بىنا سالماقچى بولۇپ، بۇ بىنانىڭ ئىسىمىنى ۋاقتىنچە خەلپە دۆلەت مۇنارى دەپ قويۇشقان.خەلپە دۆلەت مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ،200قەۋەتلىك،قورلۇشقا 123مىليون دوللار كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.قىزىل دېڭىز سۈيىنىڭ چىرىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،بىنا ئۇلى يەر يۈزىدىن 61مېتىر ئېگىز ياسىلىدۇ.بېراق،ھازىر لاھىيىلىگۈچىلەر دۇچ كەلگەن مەسىلە بولسا قانداق قىلغاندا 17مىڭ كۇب مېتىر بېتوننى مىڭ مېتىر ئېگىزلىككە ئېلىپ چىقىش ئىكەن .قۇرلۇش ئىنجىنىرلارنىڭ قارىشىچە،ھازىرقى قۇرلۇش تېخنىكىسى ۋە قۇرلۇش لاھىيەسى 2000مېتىرلىق بېنا سېلىشقا ئىمكانىيەت بېرىدىكەن،ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە بىنا قورۇلمىسىنى قايتا لاھىيىلىمىسە بولمايدىكەن.
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا سېلىشنى تالىشىشى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى.ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا خەلپە مۇنارى بولۇپ ئېگىزلىكى 828مېتىر كېلىدۇ،ئىككىنچى ئېگىز بىنا بولسا سەئۇدى ئەرەبىستان مەككىدىكى خان جەمەتى قوڭغىراق مۇنارى مېھمانخانىسى بولۇپ ،ئېگىزلىكى 601مېتىر كېلىدۇ،ئۈچۈنجىسى ئامېركا دۇنيا سودا مەركىزى بىرىنجى نومۇرلۇق بىناسى بولۇپ،ئېگىزلىكى 541مېتىر،تۆتىنجىسى تەيۋەندىكى 101سارىيى،ئېگىزلىكى 509مېتىر،بەشىنچىسى شاڭخەي يەرشارى پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ،492مېتىر كېلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved