تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن فىرانكفورت كىتاب كۆرگەزمىسى جۇڭگو كۆرگەزمە رايونى «توكيو سوتى-ئۇنتۇلغان نۇرنبېرگ» باش تېمىسىدىكى تەتقىقات يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس ئالىملار: نۇرنبېرگ سوتىنىڭ زور تەسىرىگە سېلىشتۇرغاندا، خەلقئارا ئىلىم پەن ساھەسىدىكىلەر توكيو سوتىنى ئاز تەتقىق قىلغان، ھەتتە بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ دېيىشكە بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ توكيو سوتىنى تەتقىق قىلىپ، تارىخىي ھەقىقەتنى ساقلاپ، تارىخىي ساۋاقنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇپ، پاجىئەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بار.
تەتقىقات يىغىنىدا «نۇرنبېرگ ۋە توكيو سوتىدىن كېيىن» ناملىق كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخسىسى ئېلان قىلىندى. بۇ كىتابنى گېرمانىيە مۇساپىر بولۇش، قوغلاش ۋە تىنچ يارىشىش فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى پىروفىسسور مەنفېرد تۈزگەن، بۇ كىتابتا ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياپونىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ جىنايىتىنى تونۇش، تۆلەم تۆلەش جەريانى ئۆتكۈر سېلىشتۇرۇلغان، ياپونىيەنىڭ قىلمىشى ئۈستىدە ئويلاشمىغانلىقى ھەتتا تېنىۋالغانلىقىنىڭ سەۋەبى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان. مەنفېرد تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ياپونىيە مىللىتارىزىمى بىلەن گېرمانىيە ناتسىسلىرىنىڭ ياۋۇزلۇق ئاڭ فورمىسى ئىنتايىن ئوخشايدۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەتلىرى سىستېمىلىق، پىلانلىق ھالدا باشقا مىللەتلەرگە زوراۋانلىق قىلغان. ياپونىيە ئۆز قىلمىشى ئۈستىدە ئويلاشمىغانلىقى ھەتتا تېنىۋالغانلىقى ئۈچۈن توكيو سوتىدا ياپونىيە ئۇرۇش جىنيەتچىلىرىنىڭ سانىنى خاتا ھېسابلاش ۋە ئۇلارنى جىنايىتىگە ماس جازاغا ھۆكۈم قىلماسلىق، خادىملارنى بىر تەرەپ قىلىشقا سەل قاراش ھەتتا تولۇق بىر تەرەپ قىلماسلىق شۇنداقلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دۆلەتلەرگە تۆلەمنى تولۇق تۆلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر تۇغۇلدى. ياپونىيەنىڭ شىنداۋ ئەقىدىسى، تارىخىي تەربىيەسى ۋە جامائەت پىكرى توغرىسىدا ھېساب كىتاپ قىلماسلىق، سىرتتىن ئېغىر بېسىم ئىشلەتمەسلىك شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ قوبۇل قىلماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ياپونىيە ئۆزىنىڭ ئەسەبىي مىللەتچىلىكى ۋە مىلىتارىزىمىنى توغرا تونۇمىدى، ھەمدە تارىخقا ئۇزاق مەزگىل توغرا قارىمىدى.
مەنفېرد ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: 1945-يىلدىن كېيىنكى ئوننەچچە يىلدا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىپادىسى كىشىلەرنى سەسكەندۈرۈپ قويدى، ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەسەبىي مىلىتارىزىمىچىلىق ھاكىمىيىتىنىڭ قەبىھ ھۆكۈمرانلىقىنى ياپونىيەنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىدى. ياپونىيەدە، ئۇرۇش جىنياتچىلىرى توكيودىكى ئاتالمىش ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىدا خاتىرىلىنىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھايات قالغان ئەسكىرى: بۇ گېرمانىيەلىكلەرنىڭ بېرلىن شەھىرىنىڭ مەركىزىدە گېتلېر ئۈچۈن بىر چېركاۋ سېلىپ بەرگەنگە ئوخشايدۇ، دېگەن. ياپونىيە قوشىنىلىرى بىلەن يارىشىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئۆزى ئوينىغان رول ئۈستىدە قاتتىق ئويلىشىپ، ئۇنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.
گېرمانىيەدىكى دېگۇرۇيتېر نەشرىياتىنىڭ باش لىدېرى فونشۇۋان مۇنداق دېدى: نورنبېرگ بىلەن توكيو بەلگىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ 20-ئەسىردىكى ئىنسانلارغا قارشى ئەڭ قەبىھ جىنايەتنىڭ نامايەندىسى، مەن ئىككى دۆلەتتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى توغرا تونۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. «نۇرنبېرگ ۋە توكيا سوتىدىن كېيىن» ناملىق كىتابنى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغۇچى لۈ پىڭ خانىم جۇڭگونىڭ ئىلىم پەن ساھەسىنىڭ توكيو سوتىنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى تونۇشتۇرۇپ، توكيو سوتىنىڭ ئەسلى ماتېرىياللىرىنىڭ رەتلىنىپ نەشر قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىلىم پەن ساھەسى توكيو سوتىنى تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، بىر تۈركۈم يادرولۇق مەسىلىلەردە بۆسۈشلەرگە ئېرىشتى، دېدى.
جۇڭگو دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات كىنو رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئىمپورت باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ فۇخەي مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان «نۇرنبېرگ ۋە توكيو سوتىدىن كېيىن» ناملىق بۇ مۇھىم ئەسەر دۇنياغا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان تىنچلىقنى سۆيىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتىكى تەۋرەنمەس كۈچ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي ئىرادە ۋە زور تىرىشچانلىق بىلەن، دۇنيادىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلبە مېۋىسىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى، تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى بۇرمىلاشقا ۋە ئىنكار قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، مىلىتارىزىمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى، تارىخىي پاجىئەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved