دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-مارت خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋ دۆلەت مېھمانخانىسىدا مالايشىيا زۇڭلىسى نەجىب بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى، خەينەن بوئاۋ، 27-مارت تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-مارت خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋ دۆلەت مېھمانخانىسىدا مالايشىيا زۇڭلىسى نەجىب بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ نەجىپنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلە مالايشىيا رەھبەرلىرى راۋان ئالاقىنى ۋە ماسلىشىشىنى ساقلاپ، ئورتاق كۆڭۈل بىلىدىغان مەسىلىلەردە ۋاقتىدا كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇرۇپ كەلدى. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىگە ئىشىنىش، بىر-بىرىنىڭ مۇھىم كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىشىدە چىڭ تۇرۇشى؛ سانائەت باغچا رايونى، تۆمۈر يول، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ھەمكارلىقلارنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋە مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى بىرلىكتە قوغدىشى؛ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، يەرلىكلەرنىڭ دوست بولۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى؛ خەلقئارا ئىشلاردا قويۇق ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مالايشىيا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. جۇڭگو شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىقىدىكى يىتەكچىلىك ئورنىنى قوللايدۇ. بۇ يىل، جۇڭگو بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت بىرلەشمە ھەمكارلىقى ھەرىكەت پىلانى تۈزۈلىدۇ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دېڭىز ئوكيان ھەمكارلىق يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ، 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو مالايشىيانىڭ رەئىس دۆلەتلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
نەجىب مۇنداق دېدى: جۇڭگو مالايشىيا دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى، مالايسىيا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك تەرەققىي قىلىشى داۋاملىق چىڭىدى ۋە كۈچەيدى. مالايسىيا، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە ئىككى تەرەپلىك قاتلاملاردا مالايسىياگە كۆپلىگەن جەھەتلەردە ياردەم بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، ھەمدە جۇڭگو بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناىسۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. مەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئۆلكىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىشىنى قولايلاشتۇرۇپ، مۇداپىئە ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مالايسىيا جۇڭگو بانكىسىنىڭ مالايسىيادە خەلق پۇلى بىلەن ھېسابات قىلىش بانكىسىنى تەسىس قىلىشنى قارشى ئالىدۇ ھەمدە جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش ۋە 21-ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشى تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. بىز دىپلوماتىيە ۋە ئەمەلى پوزىتسىيە بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىمىز. مالايسىيا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناىسۋىتىنى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 21-ئەسىر يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved