يەر شارى خەۋەر تورى 13-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد ئىبنى نايىف بىلەن كۆرۈشتى، ئوباما، يەمەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي مۇساپىنىڭ باشلىنىپ ياراشتۇرغۇچى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئوباما جامپ داۋىدتا ئۆتكۈزىلىدىغان قولتۇق دۆلەتلىرى-ئامېرىكا يىغىنىدىن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبسىتان ۋەلىئەھىدى مۇھەممەد بىن نايىف بىلەن ئاق سارايدا كۆرۈشتى، ئوباما ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبستان ئارىسىدا تارىخى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، سەئۇدى رەھبەرلىرى بىلەن يەمەندە بىردەكلىككە كېلىنگەن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى، ئۇرۇش توختىتىش ئارقىلىق سىياسىي مۇساپىنىڭ باشلىنىشى ۋە كېيىنكى باسقۇچتا ياراشتۇرغۇچى بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى كىرەكلىكىنى تەكتىلىدى. ۋەلىئەھدى نايىف، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رايۇندا تەھدىت پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ساھىبخانلىقىدىكى جامپ داۋىدتا ئۆتكۈزىلىدىغان يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھەيئەت بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد ئىبنى نايىف بىلەن ياردەمچىسى مۇھەممەد ئىبنى سەلماننى ئەۋەتكەن. سەئۇدى پادىشاھى سەلمان جامپ داۋىدتىكى يىغىنغا قاتناشماسلىقنىڭ سەۋەبىنى يەمەنگە ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش خىزمىتى ۋە «پادىشاھ سەلمان ياردەم مەركىزى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى دەپ كۆرسەتكەن، ئەمما ئامېرىكا دائىرلىرى سەلماننىڭ يىغىنغا قاتناشماسلىق سەۋەبىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسيىتىگە نارازىلىق سۈپىتىدە قارىماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن بىرلىكتە بەھرەين پادىشاھى ۋە ئوممان پادىشاھىمۇ يىغىنغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگىلىيە ۋىتنىي، شۇ كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved