پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىچىكىدىنلا ئىنسانلاردا بولىدىغان ھەممە ياخشى پەزىلەتلەرنى ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەشتۈرگەنىدى.
ئۇ پىكىرىنىڭ ئۆتكۈرلىكى ۋە نەزەرىيىسىنىڭ ئىلمىيلىكى جەھەتتە يۇقىرى ئورۇندا تۇراتتى.
ئەقىل-پاراسىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئىدىيىسىنىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە تەدبىرىنىڭ دانالىقى بىلەن ئۈلگە قىلىنىشقا ئەرزىيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ جىمغۇر ۋە كەم سۆز كەيپىياتىنى پىكىر قىلىش، خىيال سۈرۈش، تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تەھقىقلەشكە ئىشلىتەتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ مول ئەقىل پاراسىتى ۋە ئوچۇق-يورۇق ساغلام تەبىئىتى بىلەن ھايات سەھىپىلىرىنى، ئاۋام خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ۋە جەمئىيەتنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ ناتوغرا خۇراپىي ئادەتلىرىدىن قول ئۈزگەنىدى ۋەياكى ئۆزىنى تارتقانىدى.
ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئاساستا ئەل-جامائەتچىلىك بىلەن ئارىلىشىپ، ياخشى ئىش ۋە ياخشى پائالىيەت بولسا ئاكتىپ قاتنىشاتتى. بولمىسا ئۆزىنىڭ يالغۇزلۇق قورغىنىغا قايتىپ كىرىپ مۇداپىئەدە تۇراتتى. ئۇ ھاراق ئىچمەيتتى. بۇتلارغا ئاتاپ زەبھى قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەيتتى. بۇت ھەيكەللەر ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھېيت-بايرام ۋە مۇراسىملارغا قاتناشمايتتى، بەلكى ئۇ كىچىكىدىنلا بۇ يالغان ئىلاھلاردىن بەكمۇ نەپرەتلىنەتتى، ھەتتا ئۇنىڭغا مۇشۇ بۇتلاردىنمۇ ئۆچ كۆرۈنىدىغان بىرەر شەيئى يوقتەك تۇيۇلاتتى. ئۇنىڭ لات ۋە ئۇززانىڭ نامى بىلەن قىلىنغان قەسەملەرنى ئاڭلاپ قېلىشقىمۇ رازىلىقى يوق ئىدى.
شۇنىڭدا شەك يوقكى، ئىنايىتى ئىلاھىي (ئاللاھنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆز پەزلى-مەرھەمىتى ۋە مۇھاپىزىتىدە ساقلىغانىدى. مۇبادا نەپسى ئەممارە (يامانلىققا باشلىغۇچى نەپس)نىڭ خاھىشى ئۇنى دۇنيانىڭ بىر قىسىم ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە قىزىقتۇرسا ياكى كونا ئۆرپ-ئادەت ئەنئەنىسى تۈپەيلى بىرەر ناچار ئىجتىمائىي ئادەتنى يۇقتۇرۇۋالغىلى قوپسا، بىردىنلا ئاللاھنىڭ ئىنايىتى ئارىلىشىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۇنداق نامۇۋاپىق ئىش-ھەرىكەتلەردىن توسۇپ قالاتتى. ئىبنى ئەسىرنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مەن ئۆمرۈمدە پەقەت ئىككى قېتىملا جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ناتوغرا پائالىيتىگە قاتناشماقچى بولغانىدىم. لېكىن، ئىككىلا قېتىمدا ئاللاھ تەئالا مېنىڭ مەقسىتىمنى ئىشقا ئاشۇرمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇنداق ئىشلارنى كۆڭلۈمگە كەلتۈرمىدىم. ئاخىر ئۇ مېنى ئۆز ئەلچىلىكى بىلەن تارتۇقلىدى.
بىر كېچىسى مەككىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە مەن بىلەن بىللە قوي باقىدىغان قويچى بالىغا: «مېنىڭ قويۇمغا قاراپ قويساڭ، مەن مەككىگە كىرىپ ياشلار بىلەن كېچىلىك ئويۇن-بەزمىسىدىن بەھىر ئېلىپ چىقىۋالسام» دېۋىدىم، ئۇ: «شۇنداق قىلاي» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن مەككىگە قاراپ يول ئالدىم ۋە مەككىگە كىرىشىمگىلا كوچىنىڭ بېشىدىكى بىرىنچى ئۆيدىن نەغمە-ناۋانىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن كىشىلەردىن: «بۇ نېمە گەپ؟» دەپ سورىسام، ئۇلار: «پالانى پۇستانىغا ئۆيلۈنۈپتۇ، شۇنىڭ توي كېچىلىكى» دېيىشتى.
شۇ چاغدا مېنىڭ مۇزىكا ئاڭلاي دەپ ئولتۇرغىنىم ئېسىمدە. لېكىن، ئاللاھ ئۇنى ماڭا ئاڭلاتماپتۇ. مەن ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى قۇياشنىڭ تەپتى ئۈستۈمگە چۈشكەندە ئاندىن ئويغىنىپ تاغقا قايتتىم. قويچى ھەمراھىم سورىۋىدى، بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردىم. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر كېچىسىمۇ ھېلىقى ھەمراھىمغا يەنە تاپىلاپ قويۇپ مەككىگە كىردىم. بۇ كېچىسىمۇ ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش يەنە ئۇخلاپ قاپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق ناتوغرا ئىشلارنى ئىرادە قىلمىدىم.
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ۋەقەنى رىۋايەت قىلىدۇ: كەئبە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغىسى ئابباس بىلەن جىددىي تاش توشۇۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا ئابباس ئۇنىڭغا: «ئۇچاڭدىكى يېپىنچاڭنى مۈرەڭگە قويۇۋالساڭ، تاش ئاغرىتمايتتى» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىدۇ-يۇ، شۇ ھامان ھوشىدىن كېتىپ يەرگە يىقىلىدۇ ۋە كۆزلىرى ئاسمان تەرەپكە چەكچىيىپ ھالسىزلىنىپ كېتىدۇ.
بىردەمدىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ: «يېپىنچام! يېپىنچام!» دەپ كىيىمىنى بېلىگە تاڭىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە، شۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئورۇندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالغان ئەمەس دېيىلگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەۋمى جامائىتى ئىچىدە خۇش پېئىللىقى، ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە ئېسىل ئادەتلىرى بىلەن تونۇلغانىدى. ئۇ ئادەمگەرچىلىكى ياخشى، ئەخلاقى گۈزەل، قوشنىدارچىلىقى بەلەن، مىجەزى يېقىملىق، تىلى تاتلىق، كۆڭلى تۈز، تەبىئىتى مۇلايىم، ئىپپەت-نومۇسلۇق، كەڭ قول، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا ئامراق، ئەھدىسىدە تۇرىدىغان، ئامانەتكە ۋاپا قىلىدىغان كاتتا زات ئىدى، ھەتتا ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىكى ياخشى ئادەتلەرنى ۋە رازى بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەتلەرنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن ئۇنى «ئەمىن» (ئىشەنچكە يارايدىغان) دەپ ئاتىۋېلىشقانىدى.
قىسقىسى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتقاندەك ئېغىرچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەتتى، يوقسۇللارغا ياردەم قىلاتتى، مېھمانلىرىنى ياخشى كۈتەتتى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھەققىنى ئېلىشىپ بېرەتتى.
لەگلەك تورى سالونىنى قوشىۋېلىڭ : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved