ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، LG G3 يانفونى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ئاندىرويىد 6.0 سىستېمىسى (Android Marshmallow) گە يېڭىلىنىدىكەن.
ھازىر LG شىركىتى G3 يانفونىغا قارىتىلغان ئاندىرويىد 6.0 نىڭ ئەسلى كودىنى ئاللىقاچان ئەپ ئاچقۇچىلار تور بېكىتىگە يوللىغان، دېمەك، خەلقئارالىق نۇسخىدىكى LG G3 يانفونىنى ئىشلىتىۋاتقان ئابونتلار ئۇزۇنغا قالماي ئەڭ يېڭى نەشىردىكى ئاندىرويىدنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيدىكەن.
ئەلۋەتتە، ئوخشىمىغان رايونلاردىكى سىستېما يېڭىلىنىش ۋاقتىمۇ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، خەلقئارالىق نۇسخىسىدىن كىيىن دۆلەت ئىچى نۇسخىسىغا نۆۋەت كېلىدىكەن.
LG G3 يانفونىغا 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، سنەپدراگون 801 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ قاتارلىقلار سەپلەنگەن، 2014-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنغان، ئاندىرويىد 6.0 سىستېمىسىگە يېڭىلانغاندىن كىيىن، بۇ يانفون ئۆزىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ قالالايدىكەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved