پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپكىسىنىڭمۇ iPhone 6s نىڭكىگە ئوخشاش 3D Touch تېخنىكىسىغا ئىگە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
ئامېرىكا پاتنېت سودا مەركىسى ئىدارىسى ئېلان قىلغان ھۆجەتتىن قارىغاندا، ئالمىنىڭ بۇ تۈرلۈك پاتنېتىنىڭ ئىسمى «بېسىم سەزگۈچ بارماق ئىزى كىرگۈزۈش سىستېمىسى». ئالما پاتنېت ھۆججىتىدە Home كۇنۇپكىسىغا بېسىش بېسىم كۈچىنى ئۆلچەپ تەكشۈرەلەيدىغان سېنزور قوشۇش ئارقىلىق، Touch ID ئاساسىدا 3D Touch نىڭكىگە ئوخشاش ئىقتىدار قوشقىلى بولىدۇ دەپ تەسۋىرلىگەن، بۇ Home كۇنۇپكىسىنى بېسىش بېسىم كۈچىنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ ئوخشىمىغان مەشغۇلاتنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مىسال ئالساق، بېسىش بېسىم كۈچىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان Home كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن داۋاملىق كۈچەپ باسساق فوتوكامېرانى قوزغىتىش، قول چىراقنى قوزغىتىش، بېكىتىلگەن ئەپنى ئېچىشكە ئوخشاش بۇنداق تېز سۈرئەتلىك ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ھازىرقى Home كۇنۇپكىسىنى تاق بېسىش ۋە كۆپ بېسىش ئىقتىدارى بىلەن توقۇنۇشمايدۇ، ھەتتا Touch ID بىلەن گۇرۇپپىلاپ باشقا يېڭى ئىقتىدارنى ھاسىل قىلغىلى بولىشى مۇمكىن.
ھازىر جەزىملەشتۈرگىلى بولىدىغىنى، ئالما كەلگۈسىدىكى كۆپ خىل مەھسۇلاتتا 3D Touch نىڭكىگە ئوخشاش بېسىم سەزگۈچ ئېكران تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدۇ، ئاۋال يېڭى تېخنىكىنى ئىشلىتىشى ئەڭ مۇمكىن بولغىنى iPhone 6s دىن سىرت، يەنە Apple Watch ۋە يېڭى MacBook قاتارلىقلار بار.
ئىگەللىنىشىچە، ئالما بۇ تۈرلۈك پاتنېتنى 2013-يىلى ئىلتىماس قىلغانكەن، پاتنېت ئىجادچىسى Benjamin B. Lyon، Dale Setlak، Michael B. Wittenberg ۋە Shin John Choi.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved