ئىسپانىيە ‹‹ھەقىقەت گېزىتى›› نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹بېيجىڭ، موسكۋا، بېرلىن ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى: جۇڭگو، رۇسىيە ئامېرىكىنى ئاسىيادىن قوغلاپ چىقىرىۋېتەلەمدۇ؟›› سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ئامېرىكا يېڭى دەۋرى››بارغانچە خۈنۈكلىشىۋاتىدۇ، بېيجىڭ – موسكۋا – بېرلىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك سودا ئىتتىپاقى ئۇزاققا بارماي ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.
بۇ ئىتتىپاقنى قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، گېرمانىيە، ھىندىستان، ئىران قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىراق بۇ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي چەمبىرىكى ۋە ش ئا ئە ت دا تىلغا ئېلىنمىدى. بەشبۇرجەكلىك بىنا ‹‹ئۈستۈنلۈك›› دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان رېئاللىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا بىلەن ش ئا ئە ت رۇسىيەگە بارغانچە كۈچلۈك ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشكە قىزىقىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدىكى جۇڭگو – رۇسىيە – گېرمانىيە ئىتتىپاقىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادىي جازا ئارقىلىق رۇسىيەنى يېتىم قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يېڭى توسالغۇ پەيدا قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى پارچىلاپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ كونتىروللۇقىغا تاقابىل تۇرىدىغان سودا گەۋدىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى توسۇشتۇر.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئويلىغىنىدەك ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› كەلگۈسىدىكى ‹‹يېڭى يىپەك يولى››نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ياۋروپا – ئاسىيا سودىسىغا قولايلىق بولغان تېز سۈرئەتلىك راۋان كارىدور يارىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ دېڭىزدىكى بېسىمىنى ھېس قىلىپ يەتتى، شۇڭا ياۋرو – ئاسىيا قۇرۇقلۇق سودىسىنى ئىككى لىنىيەدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئويلاپ تاپتى.
بۇ ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ تەسىرى ۋە كونتروللۇقىغا ئۇچرىمايدىغان گېرمانىيە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. سۇرىيە بىلەن ئۇكرائىنا كىرىزىسىدە گېرمانىيە جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەسىدە تەدرىجىي ئامېرىكا بىلەن بولغان چەك – چېگرانى ئايرىدى، بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ سانائەت ساھەسى جۇڭگو ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان چەكسىز ھەمكارلىق مۇناسىۋەت بوشلۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلدى.
جۇڭگونىڭ ياۋروپا – ئاسىيادىكى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك سىياسىي رولى ئىنتايىن چوڭ. ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ‹‹يېڭى يىپەك يولى›› پىلانىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ.
ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا تۈزگەن پىلانى ئاساسلىقى، ھىندى ئوكياندىن جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىغىچە بولغان دېڭىز رايونىدا چەكلەش تەدبىرى قوللىنىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ۋە ھىندىستان ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئۇلغايتىپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. ناۋادا ‹‹يېڭى يىپەك يولى›› قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، جۇڭگو 2018 – يىلىغا بارغاندا گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلىنىدۇ. ئوباما ئىلغار تېخنىكا ۋە ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا – ئاسىيادىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا بەكلا ئىشىنىدۇ،
لېكىن جۇڭگو ياۋروپا – ئاسىيا بازىرىغا كىرىش يولىغا ئىگە ھەمدە ئىقتىسادىمۇ يېتەرلىك، موسكۋانىڭ بولسا ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك، شۇڭا جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ياۋروپا – ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ جەلپ قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو – رۇسىيە – گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا – ئاسىيا رايونىدا يېتەكچىلىك ئورنىغا چىقىشى ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىن تەدرىجىي چېكىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved