خەلقئارا جەمئىيەت مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە

مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH17-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى 17-ئىيۇل ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە چۈشۈپ كەتتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى شۇنداقلا بىر قىسىم دۆلەتلەر تۈنۈگۈن بۇ پاجىئەنى خەلقئارانىڭ مۇستەقىل، ئادىل تەكشۈرۈشىنى، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن جىددىي يىغىن ئاچتى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بۇ پاجىئەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېزدىن تەكشۈرۈشپ چىقىشنى، ھەمدە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.


جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جېيى سۆز قىلغاندا، خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى چوقۇم كاپالەتكە ئىگە بولۇش كېرەك. ھەقىقىي ئەھۋالنى تېپىپ چىقىش ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپە، بىز بۇ ئىشنى مۇستەقىل، ئادىل ۋە ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈشنى قوللايمىز، ھەر قايسى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشىنى ھەم ھەمكارلىشىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز، دېدى.


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمون تۈنۈگۈن باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەنى خەلقئارانىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئاشكارە تەكشۈرۈشىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي كېڭىشى تۈنۈگۈن بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋېيىنادىكى باش ئورگىنىدا مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە ئالاقىدار دائىمىي كېڭەش ئالاھىدە يىغىنى ئاچتى. يىغىندا بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار خادىملىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى پاجىئەت يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ نەق مەيداننى ياخشى قوغدىشى، خەلقئارا تەكشۈرۈشنى قوللىشى مۇراجىئەت قىلىندى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۈنۈگۈن ئاق سارايدا مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قوراللىقلارنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى قوللاپ، ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا، نەق مەيداندىكى ئىسپاتلارنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكىگە پاكالەت بېرىشكە دەۋەت قىلدى.



خەتكۈچلەر:
20-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek