تارىختىكى بۈگۈن -20ئاۋغۇست
21-08-2014
0
1255
يازغۇچى: ‏نائىلە
thumb

بەزىدە بوش ۋاقىتىڭىز چىققاندا بەلكىم سىزمۇ بۈگۈنكى كۈندە تارىختا قانداق ئىشلار يۈز بەرگەن بولغىيدى دەپ ئويلايدىغانسىز .ئۇنداقتا بىز تارىختىكى بۈگۈن يەنى 20-ئاۋغۇستقا نەزەر سېلىپ باقايلى :

 

1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يەرشارى ئاپتومۇبىل تېلېفونى سېستىمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ سېستىمىنىڭ ئابونتلىرى ماشىنا ئارقىلىق ھەرقانداق يەردە يەرشارى بويىچە خەۋەرلەشسە بولىدۇ. بۇ سېستىمىدا 14 خىل مۇلازىمەت بار بولۇپ، مىنۇتىغا 4 تىن 6 غىچە ئامېرىكا دوللىرى ئالىدۇ. ئاساسلىقى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەھۋالىدا ئىشلىتىلىدۇ.

 

1988-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېراق بىلەن ئېران ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختاتقان. ئىككى تەرەپنىڭ رەھبەرلىرى ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىغاندا ئەسكەرلەر خوشاللىقىدىن ۋارقىراپ كەتكەن.

 

1968-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سوۋىت ئىتتىپاقى چېخقا ھۇجۇم قىلغان. چېخنىڭ ئىچكى ئىشلىرىگە ئارىلاشقان. چېخ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلدى. سوۋىت ئىتتىپاقى بۇنىڭغا نارازى بولۇپ، سوتسىيالىزىملىق دىموكراتىيە دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتتى دېدى. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوۋىت ئىتتىپاقى، پولشا، ۋېنگىرىيە، گېرمانىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق بەش دۆلەت ۋارشاۋادا يىغىن ئېچىپ، «ھەرىكەت نىزامنامىسى» نى قۇرغان. بۇ چېخنىڭ رەددىيەسىگە ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلە بۇ بەش دۆلەت چېخقا ھۇجۇم قىلدى. سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىشىنى قانۇنلاشتۇردى. سوۋىت ئىتتىپاقى چېخنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقتىن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى.

 

1940-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 8-ئارمىيە «يۈز تۈەنلىك ئۇرۇش»نى قوزغىغان. 8-ئارمىيە پېڭ دېخۈەينىڭ قوماندانلىقىدا 115 تۈەندىكى 400 مىڭغا يېقىن ئەسكەرنى باشلاپ، 2500 كىلومېتىرلىق ئۇرۇش لىنىيەسىدا، شىمالىي جۇڭگودىكى ياپون ئارمىيىسىغا كەك كۆلەملىك ھۇجۇم قىلغان. جەمئىي 10 مىڭ 645 ياپون ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ياپون جاھانگارلىرىنىڭ 2993 ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلغان، زور مىقداردا ھەربىي لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشكەن. يۈز تۈەنلىك ئۇرۇش ياپون جاھانگىرلىرىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن ئۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.



خەتكۈچلەر:
21-08-2014
0
1255
يازغۇچى: ‏نائىلە
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
29-03-2015
0
545
thumb
ئىراندا 1979-يىلى ئايەتۇللاھ ھۇمەينى رەھبەرلىكىدىكى ئىران موللىلىرى پىلانىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىكەنلىكى ئاشكارا، دەسلەپ مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ پىلاننىڭ ئىچكى ماھىيتىنى كۆرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما 2003-يىلىدا ئىراق، 2011-يىلىدا ...
25-03-2015
0
198
thumb
‹‹پايدىلىنىش خەۋىرى تورى›› نىڭ 25-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە جائەن ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ئەترىتى 4200 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر ئايالنىڭ قالدۇق سۆڭىكىنى بايقىغان، مىسىرلىقلار بۇنى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئە...
21-03-2015
0
224
thumb
كەلپىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە، قىر تاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. كەلپىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئونسۇغا قاراشلىق جاي ئىدى. 1902 – يىلى كەلپىن تەپتىش بېگى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كەلپىن تارماق مۇداپىئە نائىب ھاكىمى قوي...
12-03-2015
0
277
thumb
سىنا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئەنگلىيە پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئېچىنىشلىق دېلوغا چېتىشلىق باش مەسئۇل ساقچى يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.1989-يىللىق خىلىسبۇرگ پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئېچىنىشلىق دېلوغا چېتىشلىق ساقچى دائىرلىرىنىڭ...
12-03-2015
0
260
thumb
ئەسلى تېما :70 يىلدىن كېيىن فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان جەڭچىلەرگە ماددىي ئەشيا توشىغان جەرياندا قازا قىلغان ئۇچقۇچىدىن قالغان تەۋەرۈك ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قولىغا قايتتى بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .1944-يىلى 29-ئۆكتەبى...
11-03-2015
0
326
thumb
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىل 10-مارت ياپونىيەنىڭ توكيودا «توكيونى بومباردىمان قىلىش ۋەقەسى»نىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، باش ۋەزىر ئابى شىنزۇ ۋە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كارولىن كېننېدى مۇراسىمغا ق...
10-03-2015
0
168
thumb
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تەتقىقاتچىلار ئافرىقىنىڭ شەرقىدە قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭىكىنى بايقىغان بولۇپ، ئېفىئوپىيەدە قېزىلغان بۇ يېرىم پارچە ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن تۆت تال چىش ئىنسانلارنىڭ بارلىققا كېلى...
15-02-2015
0
557
thumb
ئېينىشتېين 1931-يىلىغىچە ئالەمنى تىنىچ يەنى ئۆزگەرمەس دەپ قاراپ كەلگەن. كوچا رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېينىشتېيننىڭ ئالەم تۇراقلىق دېگەن ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتكەن كىشى ئامېرىكالىق ئاسترونومىيە ئالىمى Edwin Hubble بولۇپ، ئۇ ئېينىشتېينگە ناھا...
31-01-2015
0
734
thumb
ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ 28-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ئارخېئولوگلار موڭغۇلىيەدىن 200 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر راھىبنىڭ مومياسىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ موميا نىلۇپەر تاختىنىڭ ئۈستىدە ئىستىقامەتت...
29-01-2015
0
546
thumb
ئىلىم پەن» ژورنىلىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئارخېلوگلىرى كېنىيەنىڭ ماندا ئارىلىدا، قەدىمىي ئاسارە ئەتىقىلەرنى قېزىش جەريانىدا، قەدىمقى جۇڭگودا تارقىلىپ يۈرگەن بىر تال تەڭگە پۇلنى بايقىغان. بۇ تەڭگە 600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ب...
Powered by Leglek