جاھان ئاگېنتلىقى 27-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىف، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەب تاييىب ئەردوغاننىڭ يەمەن ھەرىكتىنى قوللايدىغانلىقىغا ئالاقىدار، «تۈركىيە بىلەن بولغان ئىستىراتىگيەلىك مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىمىز، بارلىق دۆلەتلەر رايۇندا مۇقىملىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كىرەك» دېدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنستىرى جەۋاد زەرىف، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ، «ئىران، يەمەن، سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى بارلىق كۈچلىرىنى چېكىندۈرۈشى كىرەك» دىگەن سۆزىگە رەددىيە بېرىپ، «تۈركىيە بىلەن تۈرلۈك ساھەلەردىكى ئىستىراتىگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈرۋاتىمىز. ھازىرقى ئەھۋالدا بارلىق دۆلەتلەر رايۇندا مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە خەۋىپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كىرەك» دېدى.
زەرىف، يەمەن ھەرىكىتگە ئالاقىدار سۆز قىلىپ، «ئىستىراتىگيەلىك خاتالىقلار، ئۆز بېشىمچە سىياسەتلەر ۋە ئۆز خىيالىدىكى قاراشلارنى ئىجرا قىلىپ چوڭ زىيانلارغا سەۋەب بولغان كىشىلەرنىڭ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تۇنۇپ، رايۇندا تىنچلىق، ھۇزۇر ۋە يېقىنلىق يارىتىش ئۈچۈن ھازىرقى ھالىتىنى ساقلىشى زۆرۈر» دېدى. زەرىف ئىراننىڭ يەمەندە مۇقىملىقنى يېڭىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved