ئۇكرائىنانىڭ شەرقى ۋە غەربىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىسى ھەل بولمىسا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە بەش ئاي داۋاملاشقان ئۇرۇش ھەقىقىي توختىتىلماستىن، بەلكى ۋاقىتلىق توختىتىلىشى مۇمكىن.
ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى، ئەلئارىسىدىكى قوراللىقلار، رۇسىيە، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ئاخىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئەبەدى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدەندى. 5-سىنتەبىر بلوروسىيەنىڭ پايتەختى مىنسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، ئۇكرائىنا كىرزىسىنىڭ قايسى تەرەپكە قاراپ راۋاجلىنىش يۆنىلىشى تۇنجى قېتىم كۆرسىتىپ بېرىلدى. لېكىن ئۇكرائىنادا ئەبەدى ئۇرۇش توختىتىش شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى.
ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ سۆھبەتلىشىشى نۇرغۇن تەرەپلەردىكى ئامىللارنىڭ بېرىكىشىنىڭ نەتىجىسى. بىرى، ھەربىي ئىشلار ئامىلى. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشتا ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غالىپ كېلىپ، ھەربىي تىل بىلەن كىرىزىسنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنە بىرى، پەسىل ئامىلى. قىش كىرەي دەپ قالدى، بۇنداق چاغدا ھەربىي ھەرىكەت قىلىش تەسرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى شۇنى ئويلاپ كۆرۈشى كېرەككى، ناۋادا توقۇنۇش كەسكىنىلىشىدىغان بولسا، رۇسىيە ئېنېرگىيە تەمىناتىنى ئۈزۈپ قويىدۇ، ئۇكرائىنا تېخىمۇ زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇمۇ ئوخشاشلا ئەل ئارىسىدىكى قوراللىقلار ئويلىشىشقا تېگىشلىك ئىش. دونباس رايونىدىكى ئۇرۇش مۇشۇ رايون كونتىروللۇقىدىكى جايلاردا بولىۋاتىدۇ، ئۇرۇش توختاتقاندا بۇ رايوننىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى قوللاشقا ئاساسى بار. 50 نەچچە ئەزاسى بار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە جازالاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، جازا رۇسىيەنىڭ ئېكىسپورت مۇھىتى ۋە خەلقئارا كاپىتالىنىڭ مۇقىملىقىغا ئاللىقاچان ناھايىتى زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارشى تەرەپتە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، مۇنداق مەسىلىلەرنى ئوخشاشلا ئېغىزىدىن چىقىرىشقا پېتىنالمايۋاتىدۇ: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەبىئىي گاز تەمىناتى يەنىلا رۇسىيەنىڭ قوللىشىىدىن ئايرىلالمايدۇ، بولۇپمۇ قىشتا، سىياسىدىكى سەپكە تىزىلىش سەۋەبلىك نۇرغۇن ئېكىسپورت ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.
رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزگەچكە گرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلقى ئىنتايىن ئاجىز ئېشىشى يوققا چىقتى، فرانسىيەمۇ غەربىي شىمال شامىلى ناملىق ئىككى ئۇرۇش پاراخوتىنى رۇسىيەگە ئۆز قەرەلىدە تاپشۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغاچقا، مۇشۇ سودىدىنلا 1 مىليارد ياۋرو زىيان تارتىشى مۇمكىن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئونمىڭ كىشىلىك زاپاس قىسىم تەشكىللەپ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىمىز دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زور چىقىمنى كىمنىڭ ئۈستىگە ئېلىش مەسىلىسى مەۋجۇت.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىنىڭ %75 ىنى ئامېرىكا ئۈستىگە ئالغان. ناۋادا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پۇل چىقىرىڭلار دەيدىغان بولسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامىنتلىرىنىڭ تالاش-تارتىش قىلىشى تۇرغانلا گەپ.
دەرۋەقە، 5-سىنتەبىر مىنسكىدىكى سۆھبەتتە ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۆڭلى سەل تىنچىغاندەك بولدى. لېكىن ئەبەدى ئۇرۇش توختىتىش مۇمكىنمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، بەك ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. پۇتىن ئايروپىلاندا تۈزگەن يەتتە نۇقىتلىق تىنچلىق پىلانى قارىماققا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇكرائىنا زۇڭلىسى ياتسىنيوك بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شىكەر ۋە مىۋە-چىۋە كەسپىگە قوللانغان يېڭى جازانىڭ نىشانى ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكوغا قارىتىلغان. رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا يەنىلا ئىشەنچ كەمچىل. ئۇنىڭدىن باشقا، كېلەر يىلى ئەتىياز كىرىشى بىلەن، دونباستىكى توقۇنىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئۇرۇشنى قايتا باشلامدۇ-يوق، بۇنىسى نامەلۇم. تېخىمۇ زور مەسىلە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئالاھىدە شېرىكلىك مۇناسىۋىتى.
مۇشۇ مۇناسىۋەت تۈپەيلى، ئۇكرائىنا يۇشۇرۇپ ئولتۇرمايلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىدۇ، بۇ رۇسىيەگە تېخىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە جىددىي كېڭىيىشىدىن تەشۋىشلەنگەچكە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىنىڭ ئىشلىرىغا چوڭقۇر ئارىلاشقان ئىدى. ئۇكرائىنانىڭ شەرقى ۋە غەربىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىسى ھەل بولمىسا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە بەش ئاي داۋاملاشقان ئۇرۇش ھەقىقىي توختىتىلماستىن، بەلكى ۋاقىتلىق توختىتىلىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved