دادا ئوغلىنى 8 سائەتتە 17 قېتىم ئۇرغان

 بەيدۇ تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق بىر  ئېچىنىشلىق  ئىش ھېكايە قىلىندى:


ۋۇچىننىڭ غەربىي شىمالىدىكى تۇرالغۇ بىناسىدىكى بىر ئائىلىنىڭ بالكونىدا ، بىر ئوتتۇرا ياش ئەر ، ئوغۇل بالىنى يەرگە يىقىتىپ چېچىنى تارتتى ۋە بالكوننىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغا سۆرەپ ئەكىلىپ ، بالىنى بالكونغا ئۈستۈردى....بۇنداق ئىش ئۆتكەن يىلدا داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرغان ئىدى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىنكاسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈش سائەت 12:00دىن كەچ سائەت 8:00كىچە، مۇخبىر ئۇدۇلدىكى ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن بۇ ئۆينى كۆزەتتى بۇ سەككىز سائەت ئىچىدە ، بۇ ئوتتۇرا ياش ئەر بالىنى بالكوندا ئالدى-كەينى بۇلۇپ 17 قېتىم قاتتىق ئۇرغان. سۈرەتتىكى بۇ كۆرىنىشتىمۇ دادا ئوغلىنى كارىدوردا ئۇرىۋاتقان ئىدى.


‹ مەن ئەزەلدىن بىر دادىنىڭ ئوغلىنى بۇنداق ،شاپىلاق ، مۇشت، تېپىش ، ئىتتىرىشلەر بىلەن ئۇرغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان، ›. شۈ ئەپەندى ياڭ ياڭنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرىدىغان بۇلۇپ ، ئۇ مۇنداق دېدى:‹ مەن داۋاملىق بۇ بالىنىڭ دادىسى تەرىپىدىن ئۇرۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن، بەزىدە بىركۈندە نەچچە قېتىم ئۇرىدۇ . ئىشتاننىڭ كەمىرى بىلەن، كالتەك بىلەن ، كىيىم ئاسقۇچ بىلەن، ئىشقىلىپ قولىغا نېما چىقسا شۇنىڭ بىلەن ئۇرىدۇ، بىر قېتىم كىيىم ئاسقۇچ بىلەن ئۇرۇپ ، كىيىم ئاسقۇچنىمۇ سۇندۇرىۋەتكەن. › دېدى.

دەسلىپىدە، بالا دادىسى تەرىپىدىن ئۇرۇلغان چاغدا ، ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا يىغلاپ كېتەتتى ، بىراق ھازىر مەيلى قانچىلىك تاياق يېسۇن يىغلىمايدىغان بولدى، ئۇزۇن مەزگىل ئۇدۇلىدا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتقان، خەن ئەپەندىمۇ گۇۋاھلىق بېرىپ :‹ بىر ھەپتىدە ئەڭ ئاز بۇلۇپ قالغاندا بالىنى ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ ، بۇ دادا ئۇرغاندا قولى بەك قاتتىق،ئىشلەتكەن ئۇسۇللىرىمۇ بەك ناچار › دېدى.30-چىسىلا چۈشتە، مۇخبىر ياڭ ياڭنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى مېھمانخانىغا كېلىپ كۆزەتتى ، 8 سائەتتە ، ياڭ ياڭ دادىسى تەرىپىدىن 17 قېتىم ئۇرۇلدى.

چۈش سەئەت 12:17 ئۆتكەندە، ياڭ ياڭنىڭ دادىسى بىر ئاق رەڭلىك كوپتا كيىۋېلىپ بالكوندا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ كەيپىياتى بەكلا جىددىي ئىدى، ئۇ بالكونغا چىقىشتىن بۇرۇنلا ياڭ ياڭنى بىر شاپىلاق ئۇرغان ئىكەن. 12:19 ئۆتكەندە، ئۇ ياڭ ياڭنىڭ بېشىدىن تۇتىۋېلىپ تامغا ئۈستۈردى، 12:49 ئۆتكەندە ، ئۇ تاماكىنى چىشلىۋالغان ھالەتتە يەنە بالكوندا پەيدا بولدى، ئۇ يەنە ياڭ ياڭنى بىر شاپىلاق ئۇردى، ئۇ ئۇرۇپ بۇلۇپ ئۆيگە كىرىپ كېتىپ بىر مىنوتتىن كېيىنلا يەنەچىقىپ ، ياڭياڭنىڭ يۈزىنى تۇتىۋېلىپ سۆرەپ بالكوننى بىر ئايلاندۇرۇپ چىقتى، چۈشتىنكېيىن بىر بولغاندا ، ئەر بالكوندىكى خۇرم ئايىقىنى ئېلىپ ، كاستىيومىنى كىيىپ ، ئولتۇراق رايوندىكى بىر شاھماتخانىغا كىرىپ شاھمات ئوينىدى ، چۈشتىن كېيىن سائەت6:00 ياڭ ياڭنىڭ دادىسى بىر ئايالنى ئۆيگە باشلاپ كېلىپ ، تاماق ئېتىشكە باشلىدى. 6:08 ئۆتكەندە ئەر قولىدىكى پىچاقنى كۆتۈرگىنىچە بالكونغا چىقىپ ، ياڭ ياڭنى تىللىدى ۋە ئۇنى تېپىپ يەرگە يىقىتىۋەتتى، كەينىدىنلا بىللە كىرگەن ئايال چىقىپ ، ياڭ ياڭنى قاتتىق قىلىپ تۆت شاپىلاق ئۇردى، ياڭ ياڭ تاياق زەربىسىدىن يىقىلىپ كەتكەندەك قىلاتتى، كەچ سائەت7:17 ئۆتكەندە ، ئەر يەنە بالكوندا ياڭ ياڭنى توققۇز قېتىم شاپىلاق بىلەن ئۇردى، ۋە ئۇنى ئۆي ئىچىگە ئېلىپ كىردى، ئۆي ئىچىدە بۇ دادا بىر مېتىرچە ئۇزۇنلۇقتىكى بىر كالتەكنى تېپىۋېلىپ، ياڭ ياڭنى يەنە ئۇردى ۋە:‹ ھېچكىم ساڭا ھېسداشلىق قىلمايدۇ ، سەن تېزراق ئۆل› دەپ ۋاقىرىدى.


پۈتۈن بىر چۈشتىن كېيىن ياڭ ياڭ بالكوندىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى، كۆپىنچە ۋاقىتتا بۇلسا ئۇ بالكوندا كەينىنى قىلىپ ، ناھايتى تۈ ھالەتتە تۇردى، بەزىدە سىرىتقا بۇيۇنداپ قاراپمۇ قۇياتتى، ياڭ ياڭنىڭ دادىسى ھېلىق ئايال بىلەن تاماق ئېتىپمۇ ئۇنى چاقىرمىدى، ئۇلار تاماق يەۋاتقاندا ، ياڭ ياڭ يەنىلا كارىدوردا ئۆرە تۇرىۋاتقان ئىدى، ياڭ ياڭ ئاشخانىدىن بىر نەرسە ئىزدىمەكچى بۇلىۋېدى ، ئىشخانا ئىشىكى يېپىلدى ، بىراق بىز ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىپ يەيدىغان يېمەكلىك تاپقان تاپمىغانلىقىنى بىلمەيمىز ، كەچ سائەت 8:20 ئۆتكەندە ياڭ ياڭ يەنە بالكونغا چىقتى دە ، سوغۇق يەر يۈزىگە مەيدىسىنى يېقىپ يېتىپ ، ئۇخلاشقا باشلىدى. ياڭ ياڭنىڭ ئۆيى بىر ئورتاق ئىجارىگە ئالغان ئۆي بۇلۇپ ، دادىسى بىلەن ‹ ھەدىسى› ئارىسىدىكى بىر ھۇجرىدا تۇراتتى، بۇ ئۆينىڭ بالونى بار بۇلۇپ ،ئۈستى ئۇچۇق ئىدى، بالكونغا بىر ئەسكى كارىۋات قۇيۇلغان ، ئەسكى تۈسكىلەر ئەتراپىغا دۆۋىلەنگەن، ئەگەر ياڭ ياڭ مۇشۇ كارىۋاتنىڭ بىر بۇلىڭىدا ئولتۇرالىغان بولسا ئىدى ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەخىت ئىدى. ئۇنىڭ يۈزى ئىشىغان ، قان ئىزلىرى قېتىپ قالغان ھالەتتىلا تۇراتتى،ئۇنىڭ پۇتى ، بىلىكى ، دۈمىسى ، پاقالچىكى ...ئىشقىلىپ ھەممىلا يېرىدە يارا ئىزى بار .


ساقچىلار ئەھۋالنى تەكشۈرگەندىن كېيىن سورىدى:‹ بۇ ئىزلار قانداق پەيدا بولدى ، نېمە بىلەن ئۇردى؟›. ياڭ ياڭ‹ كىيىم جاھازىسى بىلەن› دېدى. ئۇ 2011-يىلى چېڭدۇغا كەلگەن بۇلۇپ ، دادىسىنىڭ ئىجارىگە ئالغان ئۆيى كىچىك بولغاچقا، بالكوندا تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، ئۇ بىر يىل ئالدىدا ئۇقۇشتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۆيدىن ئاساسەن چىقىپ باقمىغان. ھەر كۈنى ئىككى ۋاق تاماق بېرىلگەن، يەنى ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك تاماق، ساقچىلار ياڭ ياڭدىن :-داداڭ سېنى دائىم ئۇرامدۇ ؟ دەپ سورىغاندا، ياڭ ياڭ ، ‹ ياق ، مەنىاتالىق ئۆتكۈزسەم ئۇرىدۇ ، دېگەن. بىر قېتىم ئۆزىنىڭ چۆپ پۇشۇرۇپ ، ئۆيدىكى خام كۆكتاتنى يەۋەتكەنلىكى شۇ سەۋەپتىن دادىسى ئۇنى ئۇرغانلىقىنى دېگەن.


بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، ئۇنىڭ بىر كۈندىكى 8 سائەتتە 17 قېتىم ئۇرۇلىشىنىڭ سەۋەبى ، ئورتاق ئىقارىەە ئېلىنغان ئۆيدىكى قوشنىسىنىڭ 6 دانە كولىباساسىنى ئوغۇرلىغانلىقى ئۈچۈن ئىكەن. ئۇنى نېمىشقا ئوغۇرلۇق قىلدىڭ دەپ سورالغاندا‹ چۈنكى مېنىڭ قورسىقىم بەك ئاچتى› دېگەن.


بۇ دىلونىڭ كەينىگە قانداق ھېكايە يۇشۇرۇنغان؟ نۆۋەتتە بۇ دىلو داۋاملىق تەكشۈرلىۋاتىدۇ، يەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن داۋاملىق خەۋەر بېرىلىدۇ. 

 

 لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK



خەتكۈچلەر:
02-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek