تېڭشۈن تەنتەربىيىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
«ب ب س»نىڭ 6-ئاينىڭ3-كۈنىدىكى خەۋىرى ۋە «مۇستەقىللىق گىزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، چېلسې كوماندىسىنىڭ مۇئاۋىن كاپىتانى «فىرانىك.لامپارد» نىڭ بۇيىل يازدا كۇلۇپتىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.شۇنداق قىلىپ لامپارد ئۆزىنىڭ13يىللىق كۆك قوشۇندىكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى، لىكىن لامپارد ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ قىلمىدى
.
لامپارد2001-يىلى يازدا غەرىبى ھام بىرلەشمىسى كۇلۇبىدىن11مىلىيۇن فوندسىتېرلىڭلىق باھا بىلەن چېلسې كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ كەلگەن، شۇچاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە چېلسې ئۈچۈن649مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ211توپ ئۇرغان ئۇ بۇ نەتىجىسى بىلەن چېلسې كۇلۇپ تارىخىدا ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن بولۇپ قالدى ھەمدە كۇلۇپ بىلەن بىللە بىر قېتىم ياۋروپا چىمپىيۇنى‹3قېتىم ئەنگىلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى‹1قېتىم ياۋروپا بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى‹4قېتىم ئىنگىلاند پۇتبول لوڭقىسى ۋە 2قېتىم بىرلەشمە مۇسابىقە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. شەخسى ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن3قېتىم چېلسې يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر توپچىسى بولۇپ باھالانغان، 2قېتىم ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر ماھىرى ۋە ئىنگىلاند پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان، 2005-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ۋە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدا2-لىككە ئېرىشكەن.
نۆۋەتتە لامپاردنىڭ ھەپتىلىك مۇئاشى150مىڭ فوندسىتېرلىڭ بۇلۇپ چېلسې 35ياشلىق قېرى توپچىغا بۇنچە كۆپ مۇئاش بېرىشنى خالىمىغان لامپارد بولسا مۇئاشنى تۆۋەنلىتىشكە قوشۇلمىغا شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ توختام ئۇزارتىش مەسىلىسىدە ئىلگىرلەش بولمىغان لامپارد ھازىر16كۇلۇبنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس كۈمۈش دەريا كۇلۇبى بىلەن نىيۇيورىكFC كوماندىسى ئۇنىڭغا ئېرىشىشى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. نىيۇيورىكFC كوماندىسى تۈنۈگۈن ئورگان تورىدا مادرىد تەنھەركەتچىللىرى كۇلۇبىدىن ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى داۋىد.ۋىللا نى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ لامپارد بەلكىم بۇ كۇلۇپ سېتىۋالغان ئىككىنچى داڭلىق توپچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ تەرجىمىھالى:
فىرانىك.لامپارد (Frank James Lampard ئەنگىلىيە 1978-يىلى5-ئاينىڭ20-كۈنى تۇغۇلغان).
كەسپى ئوتتۇرا مەيدان ئوينايدىغان توپچى، نۆۋەتتە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى چېلسې پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تىپىۋاتىدۇ.لامپارد ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى تارىخدىكى كىرگۈزگەن توپ سانى ئەڭ كۆپ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ھېسابلىنىدۇ. 2013-يىلى5-ئاينىڭ11-كۈنى لامپارد ۋېللا باغچىسى پۇتبول مەيدانىدا ئاستون ۋىللا كوماندىسىغا2توپ كىرگۈزۈپ چېلسې كۇلۇبى تارىخدا كىرگۈزگەن توپ سانى203كە يەتكەن شۇنداقلا چېلسې كوماندىسىنىڭ ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن مەرگىنى بوبى.تانبۇرلىن ساقلاپ كىلىۋاتقان تارىخى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
فىرانىك.لامپارد - Frank James Lampard
تۇغۇلغان جايى- ئەنگىلىيە لوندون.
ئېگىزلىكى- 1مىتىر83سانتىمىتىر.
كەسپى ئالاھىدىلىكى-ئوتتۇرا مەيداننى كونتۇرول قىلىش ئۇستىسى، ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved