كولۇمبىيەدىكى قوراللىق تەشكىلات مۇددەتسىز ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
سىنا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.كولۇمبىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئەڭ چوڭ قوراللىق تەشكىلات كولۇمبىيە ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرى 17-دېكابىر ئۆزلىرىنىڭ تور پونكىتىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 20-دېكابىر سائەت نۆلدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا مۇددەتسىز ئۇرۇش توختىتىپ كۇچانىڭ پايتەختى ھاۋانادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .
كولۇمبىيە قوراللىقلىرى كولۇمبىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى :‹2012-يىلى نويابىردىن باشلاپ ھاۋانادا ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى رەسمىي باشلىغاندىن بۇيان ،ئىككى تەرەپ ھالقىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇردى ،ھەم باراۋەرلىك ئاساسىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلدى كولۇمبىيە قوراللىق كۈزلىرى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى :‹.تەشكىلاتىمىز ئۆز ئالدىغا مۇددەتسىز ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلدۇق ، بۇ قېتىمقى ئۇقتۇرۇشنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ،›ئىككى تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى :‹كولۇمبىيە ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى نازارەت قىلىشنى قارشى ئالىدۇ ،تىنچلىق سۆھبىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردىن دوكلات لايىھىسى تەييارلاپ 2015-يىلى سۆھبەتنى ئاياغلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ ›.
ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغاندىن كېيىن كولۇمبىيە جامائەت خەۋىپچىلىكى ئۇرۇش توختىتىشنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .كولۇمبىيە ھەربىي تەرەپ بولسا بۇنى ئىنچكە تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :leglek
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved