ئەنگىلىيە < كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئىسپانىيە بارسىلونادىكى مەلۇم ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى بىر ئورانگۇتان بىر ئەرنىڭ ئىستاكاندىكى كاشتاننى يوقىتىۋېتىش سېھىرگەرلىك ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئورانگۇتان ھەتتا كۈلۈپ يەردە دومىلاپ يېتىپ قالغان.
بۇ كۆرۈنۈشتە، سېھىرگەرلىك ئويۇنى كۆرسەتكەن ئەر ئالدى بىلەن ئىستاكانغا پىشمىغان كاشتاندىن بىرنى سالغان، كەينىدىن ئورانگۇتان دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چاققانلىق بىلەن ئىستاكاندىكى كاشتاننى ئېلىۋىلىپ ئاندىن يەنە ئىستاكان ياپقۇچىنى يېپىپ قويغان، كەينىدىن بۇ ئەر ئىستاكاننى قولىغا ئېلىپ ئورانگۇتاننىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭلىتىشقا باشلىغان. ئورانگۇتان ئىڭىكىنى تىرىگەن ھالدا ناھايىتى بېرىلگەن ئويۇن كۆرگەن بولۇپ، دەسلىپىدە سېھىرگەرلىك ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئۇنچە چوڭ ئىنكاس كۆرۈلمىگەن.
ئورانگۇتان ئىستاكان پۇلاڭلىتىلغاندىن كېيىن ئىستاكان ئىچىدىكى كاشتاننىڭ يوق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن، بۇ ئورانگۇتان ئويۇننى كۆرۈپ قاتتىق خۇش بولۇپ يەردە دومىلاپ كەتكەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved