شىنجىڭ ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 12 ئەتراپىدا، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى شۇنۋەي يولىدىكى شەھەر باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپتوموبىلى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، ۋەقە تۇغدۇرغۇچى قېچىپ كەتكەن. 11-چىسلا چۈشتىن كېيىن شىنجىڭ ئاخباراتى مۇخبىرىنىڭ نەنچاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگەللىشىچە، ۋەقە تۇغدۇرغۇچى ئاللىقاچان ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ ساقچىلار تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.
نەق مەيداندىكى بىرەيلەننىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا بىر نەپەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋېلىسىپىت مىنىپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشكەن، كەينىدىكى شەھەر باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرئىتى ئىتتىك بولۇپ، بالىنىڭ بېشىدىن بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن. «ماشىنىنى تورمۇزلىيالماي، بىر ئاز مېڭىپ ئاندىن توختىدى».
يېقىن ئەتراپتا خىزمەت قىلىدىغان جېڭ خانىمنىڭ دېيىشىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ماشىنىدا يالغۇز ئەمەسكەن. ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا نۇرغۇن ئادەم توپلىشىۋالغان. «بالا قىمىر-سىمىر قىلماي يەردە ياتاتتى، ئەمما قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپتوموبىلىدىكىلەر قېچىپ كەتتى».
جېڭ خانىمنىڭ ئەسلىشىچە، بالىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ۋە ساقچىلار ئىلگىرى كېيىن بولۇپ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىشكەن. بالىنىڭ ئاپىسى يىغلىغىنىچە ساقچىلارنىڭ جەسەتنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويمىغان، ئىككى تەرەپ چۈشتىن كېيىن سائەت 4 كىچە تىركىشىپ ئاندىن جەسەتنى نەق مەيداندىن ئېلىپ كەتكەن.
توردا تارقالغان نەق مەيدان سۈرىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە ۋەقەگە چېتىشلىق ئاپتوموبىلدا «قانۇننى ئەتراپلىق ئىجرا قىلىش» دېگەن خەت يېزىقلىق بولۇپ، ماشىنىمۇ سوقۇلۇشتىن تەسىرگە ئۇچرىغانىدى.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved