لوڭقىغا ئېرىشەلمىگەن رونالدو نېمىگە تايىنىپ مېسسى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ؟

     2013 ۋە 2014-يىلى پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىئانو رونالدو ئۇدا ئىككى قېتىم خەلقئارا FIFA پۇتبولچىلار بىرلەشمىسنىڭ باھالىشىدىكى «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولدى. 2015-يىلى ئۇ ئۇدا سەككىزىنچى قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدىكى ئالدىنقى ئۈچ نامزات ئىچىگە كىردى. بۇ قېتىم كىرىستىئانو رونالدونىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟ چېمپىيونلۇق لوڭقىسى سانى جەھەتتە ئۇنىڭ ئېرىشكىنى 0، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن كىرىستىئانو رونالدو بۇ قېتىم مېسسى ۋە نېيمار بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ. كىرگۈزگەن توپ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى بۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر ئۈستۈنلۈك تەرىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

      11-ئاينىڭ ئاخىردا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدىكى ئالدىنقى ئۈچ نەپەر توپچىنى ئېلان قىلغاندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» كىرىستىئانو رونالدوغا مەدەت بەردى، يەنى كىرىستىئانو رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى مېسسى بىلەن نېيمارنىڭكىدىن كۆپ، كىرىستىئانو رونالدو توپ تېپىۋاتقان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىكى توپچىلارنىڭ سەپلىنىشى بارسېلونا كوماندىسىنىڭكىگە يەتمەيدۇ. بارسېلونا كوماندىسدا ھازىرقى دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئالدىنقى تۆت توپچىنىڭ ئۈچى توپ تېپىدۇ. MSN باشچىلىقىدىكى بارسېلونا كوماندىسى ئۈچ ۋە تۆت لوڭقا ئالسىمۇ بۇ نورمال، ئالتۇن توپ بولسا شەخسكە بېرىلىدىغان مۇكاپات، شۇڭا كىرىستىئانو رونالدونىڭ بۇ مۇكاپاتىنى ئېلىشىدا يېتەرلىك ئاساسى بار.

     كىرىستىئانو رونالدو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئالامدۇ؟ ئۇنى قوللايدىغانلارنىڭ بىردىنبىر ئاساسى يەنىلا ئۇنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى، 2015-يىلى كىرىستىئانو رونالدو خان جەمەتى مادرىد ۋە پورتۇگالىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسدا جەمىي 57 توپ كىرگۈزدى. بۇنىڭ ئىچىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسدا 52 مەيدان مۇسابىقىدە 54 توپ كىرگۈزۈپ، 17 ياردەمچى پاس چىقاردى. يەتتە قېتىم ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ قالپاق ئۇيۇنى ئوينىدى. ئۇ ياۋروپا بەش چوڭ بىرلەشمىسدە يىللىق ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن مەرگەن ھېسابلىنىدۇ. مېسسىنىڭ توپ سانى 52، گېرمانىيەنىڭ بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسىدىكى پولشالىق ھۇجۇمچى لېۋانتوۋسكىنىڭ توپ سانى 49، بارسېلونا كوماندىسىدىكى ئۇراگۋايلىق توپچى سۇئارېزنىڭ توپ سانى 48، دورتموند ھۇجۇمچىسى ئوبومىياڭ ۋە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ مەرگىنى ئىبراھىموۋىچنىڭ توپ سانى 46.

     مېسسى بىلەن نېيمار بۇ ئىككى ئالتۇن توپ نامزاتى 2015-يىلى ئوخشاشلا بەش چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئالدى، كىرىستىئانو رونالدونىڭ لوڭقا سانى 0، ئەمما 2013-يىلى بىرمۇ لوڭقىغا ئېرىشەلمىگەن كىرىستىئانو رونالدو قالتىس ئىپادىسى ئارقىلىق ئوخشاشلا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئالغان. نېمىگە تايىنىپ ئالغان؟ ئەسەبىيلەرچە توپ كىرگۈزۈپ. 2013-يىلى ئۇ خان جەمەتى مادرىد ۋە پورتۇگالىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسدا 59 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 69 توپ كىرگۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 15 ياردەمچى پاس بەرگەن. شۇ يىلى ئۇ كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان. تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، شۇ يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا بېلەت تاشلاش كېچىكىپ كەتكەن. دەل شۇ پەيتتە كىرىستىئانو رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش ئەڭ ئاخىرقى قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسدە شىۋىتسىيە كوماندىسىنى ئۆز قولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن، ئىككى ئايلانمىلىق شۇ جەڭدە «سېھىرلىك مۇنار» ئىبراھىموۋىچ تەسلىم بولغان. شۇ چاغدا كىرىستىئانو رونالدو دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.

     تارىختا ھېچقانداق لوڭقىغا ئېرىشمەي تۇرۇپمۇ ئاخىردا ئالتۇن توپ ئالغان توپچىمۇ بولغان. مەسلەن: 2000-يىلىدىكى پورتۇگالىيەلىك داڭلىق توپچى فىگو، شۇ يىلى بارسېلونا كوماندىسى بىرمۇ لوڭقىغا ئېرىشەلمىگەن. بىراق فىگونىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان. يەنە 1956-يىلىدىكى ماتھېۋىس، 1964-يىلىدىكى دانىس، 1970-يىلىدىكى گىرد موللېر قاتارلىقلار....كىرىستىئانو رونالدونىڭ گەرچە كىرگۈزگەن توپ سانى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بۇ توپلارنىڭ سالمىقى ۋە مۇھىملىق دەرىجىسى چوڭ ئەمەس، مۇنداقچە ئېيتقاندا، كىرىستىئانو رونالدو مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلىق رول ئوينايدىغان توپچى ئەمەس، ھالقىلىق چاغدا كۈچ بېرەلمەيدۇ، بولۇپمۇ چوڭ مۇسابىقىدە يۇقاپ كېتىدۇ، 2015-2016 مۇسابىقە پەسىلدە، كىرىستىئانو رونالدو ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى دۈنسىتىك كان ئىشچىلىرى ۋە مالمو كوماندىسىغا 11 توپ ئۇردى. بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىغا بەش توپ ئۇردى، بۇلار ئاجىز كوماندىغا تەۋە، مادرىد رىقابەت، بېلباۋ رىقابەت، بارسېلونا، سېۋىللا، ۋىللارئىلار، ۋالىنسىيە، پارىژ سانت گېرمان (ئىككى مەيدان) بۇ يەتتە كۈچلۈك كوماندا بىلەن بولغان سەككىز مەيدان مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ ئۇرالمىدى. يەنى توپ سانى 0.

      ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئالدىنقى ئۈچىنىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن سۇئارېز ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچتا يۇۋېنتۇس كوماندىسى، ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچتا قىلچىمۇ تەمتىرمەي رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى. ئىپادىسى تۇراقلىق بولدى. خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى ئادەتتە دۇنيادا ئەڭ ھەيۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ، خامىس رودىرىگۇس، كىروس، مۇدرىچ ۋە ئىسكو بۇلار ئىلگىرى بارسېلونا كوماندىسىدىكى شاۋى، بۇسكۇس ۋە ئىنىستا تەرىپىدىن مەغلۇب بولغان. خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا ھەممەيلەن كىرىستىئانو رونالدونى چۆرىدىگەن ھالدا ئوينايدۇ، ئۇلار كىرىستىئانو رونالدوغا ئوت ئېچىش پۇرسىتى يارىتىدۇ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىكى بارلىق توپچىلارنىڭ ئومومىي باھاسى 700 مىليون ياۋرو، بارسېلونا كوماندىسىدىكى توپچىلارنىڭ باھاسى 585 مىليون ياۋرو، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ سەپ شەكلى ھەقىقەتەن دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، يىغىنچاقلىغاندا كىرىستىئانو رونالدو توپنى كۆپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنى قايىل قىلىش كۈچى تۆۋەن، ئۇ بىرمۇ لوڭقىغا ئېرىشەلمىدى، بۇ جەھەتتە مېسسى بىلەن نېيمارغا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىيالمايدۇ.



خەتكۈچلەر:
07-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    گېرمانىيە بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا، بايرىن مىيۇنخېن قاپقىچىسى نويېرنىڭ 2015-2016-پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچىسى بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق باھالاشتا، نويېر لېۋېركۇسېن قاپقى...
07-05-2016
    دورتموند ئورگان تورىدا گۇندوغاننىڭ تىزى يارىلانغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوندوغاننىڭ تىزى يارىلانغانلىقى ئۈچۈن، يەكشەنبە كۈنىدى...
06-05-2016
    «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بارسېلونا ئىككى ھۇجۇمچىنى كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرسى سىۋېللا ھۇجۇمچىسى گامېرى، يەنە بىرسى بولسا لاكورونىيە ھۇجۇمچىسى لۇكاس پېرېز ئىكەن. بارسېلونانىڭ كەينى كەينىدى...
06-05-2016
     ۋاڭيى تورى 6-ماي تەنتەربىيە خەۋىرى، NBA شەرقىي رايون يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى مەيدان كۈچ سىنىشىشتا ئەجدىھا كوماندىسى تۆت كونتىيور كەسكىن رىقابەتتىن كېيىن قوشۇمچە مۇسابىقە ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەيدانىدا 96:92 ...
05-05-2016
    مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە، مېھمان مەيداندا 1 : 2 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەدىكى بايرىن مىيۇ...
04-05-2016
     ئەتە سەھەر ئوينىلىدىغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مانچېستىر شەھىرى مېھمان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنىڭ مۇداپىيەچىسى زابالېتا ئ...
04-05-2016
      قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن يوپۇغا ناھىيەسىدىكى مىللىيچە چېلىشىشقا ئامراق ھەر مىللەت يوپۇغا خەلقى بۇ يىللىق ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئوغلانلار›› مىللىيچە چېلىشىش...
04-05-2016
     لېيچېستېر شەھىرى بۇ پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ مەشقاۋۇلى رانېرىمۇ بىرلەشمىنىڭ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. رانېرى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن ...
04-05-2016
    ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشدا خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئىنگلاند زەردارى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن 0-0 تەڭلىشىپ قالدى. ناۋادا ئەتە سەھەردە ئۆتكۈزۈلىدى...
04-05-2016
    ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ ‹‹ۋاڭيۈەن›› بىيو تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە قوللاش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى 26 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى...
Powered by Leglek