1-فېۋرال سائەت 9:00 دا، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قەشقەرگە قاتنايدىغان K9786 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى ئۇزۇن چېلىنغان گۈدۈك ئاۋازى بىلەن تەڭ ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقتى. بۇ، شىنجاڭ تۆمۈريولى تۇرپان-كورلا 2-لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ماناس ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق خوۋ دىڭگو تۇرپان-كورلا 2-لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغانلىقىنى ئاڭلاپ قىزى ۋە كۈيئوغلىنى ئېلىپ مارالبېشىغا توغقان يوقلىغىلى ماڭغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بارىدىغان ۋاقىتنىڭ 50 مىنۇت قىسقارغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق، بىراق بېلەت باھاسىنىڭمۇ چۈشكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتۇق، بۇ لىنىيەنىڭ ئېچىلىشى بىز پۇقرالارغا تېخىمۇ قولايلىق بوپتۇ».
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇرپان-كورلا 2-لىنىيەسى ئەسلىدە بار بولغان تەڭرىتاغنى ئايلىنىدىغان لىنىيە بىلەن ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئەڭ چوڭ چەكتە لىنىيە يوللىرى تۈزلەنگەن.بۇ لىنىيە ئېچىلغاندىن كېيىن تۇرپاندىن كورلىغىچە بولغان 334 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۈرۈش مۇساپىسى 123 كىلومېتىر قىسقارغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved