ئۆزئارا يول قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

     ئۆزئارا يول قويۇش ئىنسانلاردىكى گۈزەل ئەخلاق، شۇنداقلا كىشلىك ھاياتتىكى بىر خىل يۈكسەكلىكتۇر. گوگول مۇنداق دېگەن: دۇنيادا ئەڭ كەڭرى بولغىنى دېڭىز-ئوكيان، دېڭىز-ئوكياندىن كەڭرى بولغىنى بىپايان ئاسمان، ئۇنىڭدىمۇ كەڭرى بولغىنى ئادەمنىڭ قەلبىدۇر».  شۇنداق، مۇرەككەپ ئەمما چەكلىك بولغان كىشىلىك ھاياتتا يول قويۇشنى بىلىدىغان ئادەم ھەر ۋاقىت خاتىرجەم ھەم خۇشال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. يول قويۇشنى بىلىش ئەر بولغۇچى ئۈچۈن بىر خىل مەرتلىك بولۇپ، كەم بولسا بولمايدىغان خىسلەت ھېسابلىنىدۇ. ئائىلە مۇناسىۋېتىدە، ھە دېسىلا ئەيبلەش ياكى ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا يول قويۇشنى ئادەت قىلىش لازىم. بۇ ئۆزئارا چۈشىنىشنى  چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ.

     يول قويۇشنى بىلىش خوتۇن بولغۇچى ئۈچۈن بىر خىل نازاكەتلىكتۇر. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەر-خوتۇنلار تۈرلۈك زىددىيەت ۋە جېدەلدىن خالىي بولالمايدۇ. ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي چېچىلىش ياكى ئۇرۇشۇش بىھۇدە كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئاياللار سەۋرىچانلىق بىلەن يول قويۇش  ئارقىلىق ئۆز مېھرىبانلىقنى نامايان قىلىپ، كەيپىياتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىشى كېرەك.

    ئۆزئارا يول قويۇش ئەر-خوتۇنلار قەلبىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مېھرى زەنجىرى.ئوخشاش بولمىغان ئائىلىلەردىن كەلگەن ئىككى كىشى ئۇچرىشىپ، تونۇشۇپ بىر ئائىلە قۇرىدۇ. نىكاھتىن كېيىن ھەر ئىككلىسىدە قارشى تەرەپ ياقتۇرمايدىغان بەزىبىر نۇقسانلار كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭغا توغرا قاراپ ئەپۇچانلىق بىلەن يول قويۇش پوزىتسىيىسى بىلەن چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش زۆرۈر. ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئۆز ئارا يول قويۇش زۆرۈر.

    ئۆزئارا يول قويۇش ئاۋازسىز تەلىم-تەربىيىدىن ئىبارەت. بالىلاردا سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۆرسىتىپ بېرىش ئەپۇ قىلىش ئاچچىقلىنىش ياكى ئەيىبلەشكە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ، بالىلار قىيىنچىلىق ياكى ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا، ئۇلارغا كۆيۈنۈپ تەسەللى بېرىش ۋە يول كۆرسىتىش ئاغرىنىش ياكى كارى بولماسلىققا قارىغاندا ئۆزگىچە نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ، يول قويۇشقا ئېرىشكەن بالا سەۋەنلىكلىرىنى ئاسانلا تونۇيدۇ ھەمدە ئۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتىدۇ.

  ئۆزئارا يول قويۇش كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بىر لىرىك شېئىرىدۇر. ئۇنىڭ مەنىسى نوقۇل ھالدا ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەپۇچانلىق ۋە كۆيۈنۈش بولماستىن بەلكى دۇنيادىكى بارلىق ھاياتلىققد نىسبەتەن يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئۇرغۇغان ھەقىقىي مۇھەببەتتىن ئىبارەتتۇر. دەل مۇشۇنداق يول قويۇش بولغاچقىلا، تۇرمۇش مەڭگۈ نۇرانىلىككە تولىدۇ، مېھىر-مۇھەببەت ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋام قىلىدۇ.

شۇڭا، يول قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. بۇ ئائىلىدىكى زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئۆزئارا چۈشەنمەسلىك ۋە ئازارچىلىقلارنى تۈگىتىپ، ئائىلە ئەزالىرىنى تېخىمۇ مېھرىبان قىلىدۇ؛ بۇ بىھۇدە ئاچچىقلىنىش ۋە چېچىلىشنى يوق قىلىپ، ئائىلىگە باشقىچە ئىناقلىق كەلتۈرىدۇ، ئۇ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى گۇمان، ئۆچمەنلىك ۋە قوپاللىقلارغا خاتىمە بېرىپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىپ، ھاياتقا تېخىمۇ گۈزەللىك بەخش ئېتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
12-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
       زەنجىۋىل كىشىلەرگە تونۇشلۇق ئېسىل تەم تەڭشىگۈچ خۇرۇچ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يېمەكلىك قاتارىدا ئىشلىتىشتىن باشقا، يەنە دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دورا تەتقىقاتىدا زەنجىۋىلنى قاينىتىپ ي...
12-05-2016
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتا-ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى 10 خىل ھەرىكىتى بالىلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.  1....
10-05-2016
    زامانىۋى پەن-تېخنىكا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، تېلىۋىزور،DVD، كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن قاتارلىقلار تېز سۈرئەتتە ئۇمۇملىشىپ، تۇرۇمۇشىمزغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، ھەتتا بۇ ئۈسكۈنىلەر بىزنىڭ ئەڭ يېقىن...
10-05-2016
     نېرۋا مۇتەخەسسىسى يې جىڭ يېقىندا بىر يىل بۇرۇن بوكس مەشىقىدە مېڭىسى قاتتىق زەخمىلىنىپ باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان، ئەمما يېرىم يىلدىن كېيىن ئېغىر تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئاغرىقنى مىسال...
09-05-2016
    ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.     ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
09-05-2016
    بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ناھايىتى خۇشال بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا دادىنىڭ ئۆز قولى بىلەن بوۋاقنىڭ ھاياتىغا «لېنتا كېسىشى» ئۈچۈن، كىندىك كېسىش ئىشىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. لېكىن بىر دادا بار بول...
08-05-2016
    بىر يىل ئەھۋال ئىگىلەش ۋە تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشنى سىناق قىلىش خىزمىتى تۈنۈگۈن باشلاندى، بۇ ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەقلىق ...
08-05-2016
     1. كالپۇك ئىششىش ۋە چىڭقىلىش. بۇ رىئاكسىيە قىلغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۆز ياشاڭغىراش، بەدەن قىچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنى لەۋسۇرۇخ ۋە يىمەكلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئىششىش ئ...
07-05-2016
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا سۇيى كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. كۆپلىگەن ئادەم سودا سۈيىنى مىنېرال سۇدىن كۆپ پايدىلىق، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاس...
05-05-2016
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى (1984–يىل 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلى...
Powered by Leglek