ھندىستاندىكى نەزىرە-چاراغ پائالىيتىدە بىر ئايالنىڭ بېشى كىسىلىپ نەزىرە قىلىنغان

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىچە،ھىندىستاندىكى 50ياشلىق كالاۋاتى گۇپتا ئىسىملىك بىر ئايال بىر مەيدان نەزىرە-چىراغ پائالىيتىگە قاتنىشۋاتقاندا كاللىسى كىسىلىپ نەزىرە قىلۋىتلگەن.بۇ ئىش ھىندستاننىڭ چوڭ شەھرى بومباي شەھەر ئەتراپىغا يېقىن ناراسوراتا رايونىدا يۈز بەرگەن بۇلۇپ ،14-چېسلا بۇ ئىشقا چېتىشلىق ئالتە ئادەم قولغا ئېلىنغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى باشلامچىسى ھىندى دىنىنىڭ بىر تارمىقى بولغان‹‹كۈچ-قۇدرەت مەزھىبى ››نىڭ پېرخونى قاھار ئىكەن. 

خەۋەر قىلنىشىچە، كالاۋاتى قەرەللىك ھالدا پېرىخوننى يوقلاپ تۇردىغان بۇلۇپ، مەزكۇر پېرخون ھىندىستان ئاۋىئاتسىيە  تىرانسىپورت ئورنىدا تېخنىكا خادىمى بۇلۇپ ئىشلەيدىكەن ھەمدە ئۆيىدە قۇشۇمچە ‹‹قارا سېھرىي كۈچ ››ئىشلتىش بىلەن شۇغۇللىندىكەن. كالاۋاتى سېھرىي كۈچكە تايىنىپ 30ياشلىق پالەچ ئوغلىنى ساقايتىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن. 

كالاۋاتىنىڭ قوشنىسى ياداۋ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى پېرخوننىڭ ‹‹خېرىدارى››بۇلۇپ، قاھار ئۇلارغا ئەگەر شانۇ-شەۋكەت ۋە ساغلاملىق تىلىمەكچى بولسا چۇقۇم نەزىرە قىلىش كىرەكلىكىنى ئېيتقان ھەمدە ئەگەر‹‹ئادەم››نى نەزىرە قىلسا ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بۇلدىغانلقنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. 

شۇنىڭ بىلەن كالاۋاتىنىڭ قوشنىسى ۋە ئىنىسى تىل بىرىكتۈرۈپ كالاۋاتىنى نەزىرە قىلىپ باقماقچى بولغان.11-ئاينىڭ15-كۈنى ،ئۇلار كالاۋاتىنى بىر تىلاۋەت قىلىش پائالىيتىگە باشلاپ ئاپارغان،ئۇ جايدا يەنە پېرخون ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ،نەۋرە ئىنىسىمۇ بار ئىدى. 

ساقچى تەرەپنىڭ كۆرسىتىشىچە، كالاۋاتىنىڭ يەرگە ئېڭىشىپ نەزىرە قىلدىغان ئورۇندا تەزىم قىلۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ قاھار ئۇنىڭغا بىر پىچاق ئۇرغان،كەينىدىن باشقىلار يۇپۇرلۇپ كېلىپ ئۇنى بېسىۋالغان.كالاۋاتىنىڭ كاللىسى ئېلىنغاندىن كىيىن بېشى نەزىرە قىلىشقا ئىشىلتىلگەن.پېرخون ھازىر جىنايىتىنى ئىخرا قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇرۇنمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈپ نەزىرە قىلىپ باققانلىقىنى ئاشكارلىغان.ئىگەللىنىشىچە،پېرخوننىڭ دادسىمۇ قارا سېھرىي كۈچنى مەشىق  قىلغۇچىلاردىن ئىكەن.



24-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: ئاكسىيە يۇلتۇزى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ ساقچى تەرەپنىڭ <تېنچ ۋۇخۇ> مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخۇ جام...
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
Powered by Leglek