خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىدىكى تۆت چوڭ كەلگۈسى مەنزىرە

     2015-يىلدا خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىش تەرەققىياتى بىر قاتار زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 2016-يىلغا بولغان مۆلچەردە دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى خەۋپ خەتەر سەۋەبىدىن خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىش تەرەققىيات يولى تېخىمۇ ئەگرى توقايلىققا يۈزلىنىش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ، ئەمما خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىش تەرەققىيات كەلگۈسىدىن يەنىلا ئۈمىد بار.

ئومۇمىيلىقتىن قارىغاندا 2016-يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىپ ئەسلىگە كېلەلىشىگە ئېنىق بىر نەرسە دېمەك تەس، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىغا بولغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىش جەھەتتىكى تەرەققىياتى تېخىمۇ كۆپ خىرىسقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار پۇللىرى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى تەسىرىدە، بىر قىسىم ئەمدىلا خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلىپ قوبۇل قىلىشقا باشلىغان دۆلەتلەر قولىدىكى خەلق پۇللىرىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇشى مۇمكىن، دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر مەۋجۇت. گەرچە ئىلگىرىلەش يولى ئەگرى توقاي بولسىمۇ، ئەمما خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشتىكى چوڭ يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ، كەلگۈسىگە نىسبەتەن تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل مۆلچەرنى كۈتۈش مۇمكىن:

1.جۇڭگو تاشقى پېرىۋوت بازىرى تېز سۈرئەتتە دۇنيا بازىرىغا سىڭىدۇ. بۇ يىل بېشىدىن باشلاپ جۇڭگو خەلق بانكىسى بانكىلار ئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان تاشقى پېرىۋوت سودا ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، چىگرا سىرتىدىكى لاياقەتلىك سۇبيېكىتلارنى بانكىلار ئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان تاشقى پېرىۋوت سودىسىغا كىرىشكە جەلپ قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپلىگەن چىگرا سىرتىدىكى سۇبيېكىتلار دۆلىتىمىزدىكى سودىغا قاتنىشىدۇ، ئىچكى تاشقى بازارنىڭ بىرلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.


2.ئالاقە راۋانلاشتۇرۇلۇپ كاپىتال ھېساباتى ئېچىۋىتىشى مۇقىم قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىدۇ. گەرچە ھەرخىل ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان يوللۇق ئەنسىرەشلەر مەۋجۇت بولسىمۇ ئەمما ئىسلاھات بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ.


3.چىگرا سىرتىدىكى خەلق پۇلى رايون تەرەققىياتى مەركىزى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ھەرقايسى چوڭ قىتئەلەرنىڭ راسچوت كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەبلىغىدىكى چىگرا سىرتىدىكى بانكىلار راسچوت مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، دۇنيادىكى چىگرا سىرتى خەلق پۇلى مەركىزى ئىلگىرىكى يالغۇز بىر شياڭگاڭغىلا تايىنىش يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ، تەدرىجىي ھالدا رايون كۆلەم ئۈنۈمى شەكىللەندۈرۈپ، لوندون، ليۇكسېمبۇرگ قاتارلىق تېخىمۇكۆپ چىگرا سىرتىدىكى خەلق پۇلى رايون مەركىزى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.


4.خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. گەرچە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارالىق پۇل سېستىمىسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى رەسمىي تەۋرەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلق پۇلى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا پۇلى بولۇپ قالدى. تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر خەلق پۇلىنى تاشقى پېرىۋوت زاپىسى قىلىشنى ئويلىشىپ، خەلق پۇلىنىڭ شۇ يەردىكى ئايلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە. تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە كارخانىلار خەلق پۇلى ئارقىلىق باھا مەلۇم قىلىدىغان زايوم مۈلكى تارقىتىشنى باشلىماقچى، خەلق پۇلى ئايلىنىش مېخانىزىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرى خەلق پۇلى مۈلۈكلىرىگە دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
08-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek