يېقىندا ئالتاي چىڭگىل ناھىيسىدە بىر كىشى 8 كىلوگرامغا يېقىن ئېغىرلىقتىكى تەبئىي «كاللەك ئالتۇن»تېپىۋالغان . ئالاقىلىشىش ئارقىلىق مۇخبىر بۇ كىشىنى تاپقان ، ئۇ بىر چارۋىچى بولۇپ ، ئالدىنقى يىلى ئۆيدىكى بىر قانچە تۇياق كالا ئۆلۈپ كەتكەن ، ئۆتكەن يىلى ئۆيدىكى 50 تۇياق قويمۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالتۇن ئىزدەشكە كىرىشكەن ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ 7.85 كىلوگرام كېلىدىغان تەبئىي ئالتۇننى تېپىۋېلىشنى قىلچىمۇ ئويلاپ باقمىغان .
بۇ كىشىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە بۇ ئالتۇننى بايقىغانۋاقىتتتا بۇ بىر كاللەك يوغان ئالتۇن پارچىسى ئۇچۇقلا يەردە تۇرغان ، بۇ چارۋىچىنىڭ ئۆيى بىر قكانچە كۈندىن بۇيان يېقىن يىراقتىن كەلگەن دوست-بۇرادەر ، ئۇرۇق- تۇغقانلار بىلەن قىزىپ كەتكەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئاز ئۇچرايدىغان غەلىتە بويۇمنى كۆرغپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەنىكەن ، بۇ تەبئىي ئالتۇننىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 23سانتىمىتىر ، ئەڭ كەڭ ئورنىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 18 سانتىمىتىر ، قېلىنلىقى بولسا تەخمىنەن 8 سانتىمىتىر كېلدىكەن.
تېخىمۇ غەكىتە يېرى ، بۇ تەبىي ئالتۇن پارچىسى خۇددىي ھۈنەر بىلەن ئىشلەپ قويغان نەپىس بۇيۇمغىلا ئوخشايدىكەن . چارۋىچىلار بۇ قارىماققا جۇڭگۇ خەرىتىسىگە ئوخشاپ قالدىكەن دېيىشتى.
مۇخبىر ئالتۇننىى كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتا ، ئالتۇن پارچىسىنى بىر قۇلى بىلەن ناھايتى تاسلىكتا كۆتۈرگەن ، بۇ ئالتۇن پارچىسىنىڭ ئويمان يەرلىرىدە بىرقىسىم قۇم ۋە توپا يىغىلىپ قالغان بولۇپ ، توپا رەڭ ساپسېرىق ئالتۇن ۋاڭگىنى يېپىپ قالالمىغان .
جۇڭگۇ گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتىتى يەرشارى ئىلمى ۋە بايلىق ئىنىستىتۇتى پىروففىسورى لىيۇ جىياجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن ، كاللەك ئالتۇن تەبىي پەيدا بولغان ، ناھايىتى چوڭ ، شەكىلسىز قېلىپسىز، تولۇق ساپ بولمىغان ئالتۇن پارچىسىنى كۆرسىتىدۇ ، ، ئۇ ئادەتتە ئالتۇن ، كۋارتىس، باشقا كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، بۇنداق ئالتۇنلارنىڭ بەزىلىرى ئىتنىڭ بېشىغا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن ، كىشىلەر ئۇنى «ئىت باش ئالتۇن »يەنە بەزىلرى ئاتنىڭ تۇيقىغا ئوىشىغانلىقى ئۈچۈن «تۇياق ئالتۇن»دېيىلىدۇ. لېكىن كىشىلەر ئادەتتە بۇ خىل تەبئىي ئالتۇننى «ئىت باش ئالتۇن »دەپ ئاتىشىدۇ.
گەرچە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر دۇنيادا بايقالغان 10 كىلوگرامدىن ئېغىر ئالتۇن پارچىسى، 8000دىن ئاشسىمۇ ، لېكىن بۇ يەنىلا ناھايىتى ئاز ، كۆپ ئۇچرىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن باھاسى يۇقرى بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇنداق ئالتۇنلار كىشىلەر تەرپىدىن بىباھا گۆھەر دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved