خېفېي ساقچىلىرى شاخلىتىپ سېتىش گۇماندارىدىن 65 نى قولغا ئالدى

پىڭپەي خەۋىرىدە ئېلان قىلىنىشىچە، 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرىنىڭ چاڭفېڭ ناھىيىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن شۇاڭدۈن بازىرى خۈييۈەن قورۇسىدىكى ئامانلىق ساقىغۇچى خادىملارنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىشى ئارقىسىدا مەزكۇر قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق شاخلىتىپ سېتىش گۇماندارلىرىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇ بىر نەچچە شاخلىتىپ سېتىش گۇماندارى خىزمەتچى خادىملارغا ياخشى ماسلاشماي قورۇنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە رېشاتكىلىرىنى بۇزۇۋەتكەن، ھەتتا يەنە خادىملارنى ئۇرۇپ دۇمبالىغان.

مەزكۇر قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق لى ئەپەندىنىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، «توقۇنۇش يۈز بەرگەن شۇ كۈنى كەچ سائەت 4 ئەتراپىدا قورۇنىڭ ئالدىدا ساقچىخانىنىڭ ۋە قورۇنىڭ ئامانلىقىنى ساقلايدىغان خادىملار قورۇغا كىرگەن ھەر بىر ئادەمنى تەكشۈرۈۋاتاتتى، تەكشۈرۈش نۆۋىتى بۇ بىر نەچچە شاخلىتىپ سېتىش گۇماندارىغا كەلگەندە، ئۇلار يوغانچىلىق قىلىپ خىزمەتچى خادىملارغا ۋاقىرىدى، ئۇلارنى ئۇردى، ھەتتا ئادەم توپلاپ غوۋغا كۆتۈردى» دېدى. چاڭفېڭ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتپ بارغان.

ساقچىلار نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا يەنە نۇرغۇنلىغان شاخلىتىپ سېتىش گۇماندارلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان، بۇ گۇماندارلار نۇرغۇن ئادەملەرنى توپلاشقا باشلىغان. شۇ كۈنى كەچ سائەت 7 دىن ئاشقاندا نەق مەيدانغا بارغانسېرى ئادەم كۆپيىپ، بۇ ئادەملەر ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنى تۇتالماي ساقچى ماشىنىلىرىنى ئۇرۇپ چاققان، بۇ توقۇنۇشتا بىر خادىم بىلەن ئىككى ساقچى يارىلانغان.

كېيىن خېفېي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئالاھىدە ساقچىلارنى ۋە قاتناش ساقچىلىرىنى باشلاپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. شۇ كۈنى كەچ سائەت 8 دە ئەتراپتىكى قاتناش تەرتىپى نورمال ھالىتىگە كەلگەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى كېچىلەپ مەزكۇر قورۇدا تازلاش ئېلىپ بارغان، بۇ قېتىمقى تازىلاشتا جەمئىي 65 شاخلىتىپ سېتىش گۇماندارى بىلەن تەربىيەلىنىشتىن قايتقان 320 كىشى چىققان. مۇناسىۋەتلىك خادىملار ھېلىھەم تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقتا.

15-چىسلا سەھەر 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە نۇرغۇن خەلق ساقچىلىرى ۋە  قورۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى قورۇدىكى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتقان ئۆي ئىگىلىرىنى تەكشۈرۈپ شاخلىتىپ سېتىش گۇماندارلىرىنى تۇتقان. مۇخبىر ۋەقە يۈز بەرگەن قورۇنىڭ ئالدىدا نۇرغۇنلىغان ساقچىلار بىلەن ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. قورۇغا كىرمەكچى بولغان كىشىلەر ساقچىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن قورۇغا كىرەلىگەن.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek