ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد بايراقدار يانفونى- سامسۇڭ Galaxy S7 يانفونى شەك-شۈبھىسىزكى ئەڭ ياخشى ئاندىرويىد مەشغۇلات سېستىمىلىق يانفون بولۇپ، بۇ يانفون ھازىرقى ئاندىرويىد مەشغۇلات سېستىمىلىق يانفونلارنىڭ ئەڭ ئىلغار سەپلەنمىسىدىنمۇ ھەم ئىلغار بولغان سەپلەنمىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بۇ يانفونغا سەپلەنگەن قارا تېخنىكا بۇ يانفوننى كېلەركى يىلدىكى بايراقدار يانفونلار ‹كۈرىشى› دە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە نائىل قىلالايدۇ، نۆۋەتتە سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ مەستانىلىرى تۆت كۆزى بىلەن بۇ يانفون مەھسۇلاتىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى كۈتمەكتە. ئابونتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گەرچە سامسۇڭ S7 يانفونىغا ‹دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش ئىقتىدارى› (ئېيتىلىشىچە، بۇ يانفونغا بەش مىنۇتتا توك قاچىلاپ بولغىلى بولىدىكەن) سەپلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يانفونغا USB Type-C ئوڭ-تەتۈر تىقىپ زەرەتلەش ئېلىپ بارغىلى بولماستىن بەلكى يەنىلا داۋاملىق Micro-USB ئېغىزى ئارقىلىق زەرەتلەش ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved