ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوباما شەنبە كۈنى ھەپتىلىك قەرەللىك نۇتقىدا مۇنداق دېگەن، ئامېرىكا تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇت دېمى ئېلىش جەريانىدا ھەق بەرمەيدىغان، پۈتكۈل يەر شارىدىكى «ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرى». ئۇ مۇنداق دېدى، بۇ ئەھۋال چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك.
ئوباما شەنبە كۈنىدىكى ھەپتىلىك قەرەللىك نۇتقىدا يۇقىرىقىدەك سۆزلەپ، مۇشۇنداق دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەن كونا سىياسەتتىن بەكمۇ ھەسرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوباما زۇڭتۇڭ يەنە مۇنداق دېدى، ئامېرىكا چوقۇم بالىسى بار ئاتا ئانىلار ۋە كېسىلى بار بىمارلارنى ياكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئىشقا ئاسان ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى، تىرىشىپ ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر چوقۇم خىزمەت ياكى ئائىلىدىن بىرنى تاللىشى زۆرۈر ئىكەن، دېمەك بۇنىڭدا مەسىلە بار دېگەن گەپ.
ئوباما دۈشەنبە كۈنى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئائىلىسى مەسىلىسىنى ئاقسارايدا يىغىندا ئوتتۇرىغا قويدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved