ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى مۇخبىرىنىڭ خەۋەرى:بۇ ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا «ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى رەسمىي يولغا قويدى.«چارە»دە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەنقىدىي تەربىيەنى ئاساس قىلىش،ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈشكە ياكى مەكتەپتىن قوغلىۋېتىشكە يول قويماسلىق تەلەپ قىلىندى.
ئوقۇغۇچىلارغا قانداق جازا بېرىلگەنلىكى مەكتەپ تەستىقلىغاندىن كېيىن مەكتەپنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئارخىپىغا سېلىنىدۇ.
مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەر،جىنايى جازا بىكار قىلىنغان ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەربىيە تەدبىرى قوللىنىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىشى،مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەر بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇش تەۋەلىكى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
«چارە»دە يەنە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچ مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىجە ئاتلاپ يىللىق ئۆرلىشىگە يول قويولمايدىغانلىقى،نەتىجىسى پەۋقۇلئادە ياخشى ئوقۇغۇچىلار بولسا ئاتا-ئانىسى ياكى ھامىيىسى يازمىچە ئىلتىماس سۇنۇشى،مەكتەپ تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرىدىغان تارماقلارغا يوللىشى ۋە ئۇلارنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن دەرىجە ئاتلاپ يىللىق ئۆرلىشىگە يول قويۇلىدىغانلىقى بەلگىلەندى.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved