يېقىندا، كولۇمبىيە دائىرىلىرى كارىب دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى بىر پورت شەھىرىدىن گوللاندىيەگە توشۇلماقچى بولغان يەتتە توننا كوكائىننى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ، جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى يېقىندىن بۇيان قولغا چۈشۈرگەن ئەڭ كۆپ بىر تۈركۈم زەھەر ھېسابلىنىدۇ.
بۇ تۈركۈم زەھەر 7000 كىچىك خالتىغا قاچىلانغان بولۇپ، ئورالمىلارنىڭ ئۈستىگە Yamaha، KIA دېگەندەك بىر قىسىم تاۋار ماركىلىرى بېسىلغان ۋە ئاناناس كونسېرۋالىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، گوللاندىيەگە بارىدىغان بىر پاراخوتقا يوشۇرۇپ قويۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈركۈم زەھەرنىڭ قاراڭغۇ بازاردىكى باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 1 مىليارد 550 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر)غا يېتىدىكەن..
بۇ كولۇمبىيەنىڭ 2005-يىلى تىنچ ئوكيان دېڭىز قىرغىقىدا 15 توننا زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن پاش قىلغان ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسى. كولۇمبىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زەھەر ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 25 توننا زەھەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved