شىنخۇا تورى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى: روسىيە "مۇسكىۋا ساداسى" خەۋەر تورىنىڭ 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوكرائىنا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋەلىلى. گرېجى روسىيەنى "يادرو قوراللار ئارقىلىق ئوكرائىناغا تەھدىد سېلىۋاتىدۇ" دەپ ئەيىبلىگەن.
گرېجى 1 – چىسلا ئۆزىنىڭ Facebook باش بېتىدە مۇسكىۋانىڭ ھازىرغىچە تۈرلۈك قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئوكرائىناغا يادرو قورال ئىشلىتىش تەييارلىقى كۆرۈپ، ھەربىي جەھەتتىن تەھدىد شەكىللەندۈرگەنلىكى ھەققىدە توختالغان.
گرېجىنىڭ قارىشىچە روسىيە ئارمىيەسى ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا ئاللىبۇرۇن باستۇرۇپ كىرىپ بولغان. بىراق مۇسكىۋا تەرەپ بۇنىڭغا ھازىرغىچە ئىتىراز بىلدۈرۈپ كەلگەن.
بۇلارغا قارىتا، روسىيە "يېڭى گېزىت" ھەربىي ئىشلار تەنقىدچىسى پاۋىر. فېرگىنخاۋر مۇنداق بىلدۈرگەن: گرېنجىنىڭ روسىيەنى يادرو قورال ئارقىلىق تەھدىد سالدى دەپ ئەيىبلەشلىرى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئۇ يەنە ئوكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئالدىدا روسىيەنىڭ يادرو قورال ئىشلىتىشىنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved