رۇسىيە فېدېراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 12-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2014-يىلى رۇسىيەدە پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى 11.4 پىرسەنت بولۇپ، 2008-يىلدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى 13.3 پىرسەنت بولغاندىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.
ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدىن مۇنۇلار ئايان بولدى، 2014-يىلى دېكابىر رۇسىيەدە مال باھا سەۋىيەسى 2.8 پىرسەنت ئۆسكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك 3.3 پىرسەنت، يېمەكلىكدىن باشقا نەرسىلەر 2.3 پىرسەنت، مۇلازىمەت ھەققى 2.2 پىرسەنت ئۆسكەن.
بۇندىن بۇرۇن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات مىنىستىرى: غەربنىڭ جازاسى، خەلقئارادا ماي باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادى بېسىم رۇسىيەدە پۇل پاخاللىقىنى ئۆرلىتىۋەتتى، 2015-يىلىدا رۇسىيەنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى 10 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن دېگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved