جاھان ئاگېنتلىقى 24-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: Germanwings ئاۋىئاتسىيىسىگە تەۋە A320 تىپلىق يولۇچىلار ئايرۇپىلانى فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئالپ تاغلىرىدا چۈشۈپ كەتتى. فرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، فرانسىيەدە 150 كىشى بىلەن چۈشۈپ كەتكەن ئايرۇپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، يولۇچىلاردىن 67 نەپىرى گېرمانىيەلىك، 45 نەپىرى ئىسپانىيەلىك، يەنە مەكتەپ ساياھىتىدىن قايتقان 16 نەپەر گېرمانىيەلك ئوقۇغۇچى بار. بۇ يولۇچىلاردىن ھېچبىرى ھايات قالمىغان.
Germanwings ئاۋىئاتىسيىسى شىركىتى، ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا رايۇنىدىن قوزغىلىپ گېرمانىيەنىڭ Dusseldorf شەھىرىگە ئۇچقان ئايرۇپىلاندا 144 نەپەر يولۇچى ۋە 6 ئايرۇپىلان خادىمى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىBernard Cazeneuve ، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بېرىپ 6 سائەتتىن كېيىن ئايرۇپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى تاپقانلىقىنى ئېيتتى.
ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلار تىزىملىكى ۋە يولۇچىلارنىڭ كىملىكى تېخى ئېنىق بىلدۈرۈلمىدى. ئاۋىئاتسىيە باياناتچىسى، ئايرۇپىلاندا 67 نەپەر گېرمانىيە پۇقراسى بارلىقىنى ئېيتتى، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى ياردەمچىسى ئايرۇپىلاندا 45 نەپەر ئىسپانىيە پۇقراسى بارلىقىنى ئېيتتى.
فرانسىيەدە يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيان ئەڭ زور ئايرۇپىلان ۋەقەسى پاجىئەسىدىن كېيىن فرانسىيە پرېزىدېنتى ھوللاندى ۋە ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئايرۇپىلاندا گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيەلىك يولۇچىلار بىلەن بىرگە ئېھتىمال تۈرك يولۇچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى. ئايرۇپىلاندىكى تۈركلەرنىڭ كىملىكى ۋە سانى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
فرانسىيە ساقچىلىرى، تاغلىق رايۇندا چۈشۈپ كەتكەن ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ جەسەتلىرىنى تېپىشقا بىر قانچە كۈن كتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،
مەزكۇر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، ئايرۇپىلاننىڭ ئاۋىئاستىيە تېخنىكلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانلىقىنى، بارلىق خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئايرۇپىلاننىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كومپىيۇتېر سېستىمىسىغا ئىگە بولغان بولسىمۇ تېخنىكا كاشىلىسى چىقىشنىڭ ھەر ۋاقىت يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved