جاھان ئاگېنتلىقى 26-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: لىۋىيەلىك قەبىلە رەھبەرلىرى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە يىغىلىپ، پرېزىدېنت سىسىدىن توبرۇك رايۇنىدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق قىسىملارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلدى. قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «لىۋىيە قەبىلە رەھبەرلىرى يىغىنى» دۈشەنبە كۈنى باشلانغان بولۇپ پەيشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىشى كۈتۈلمەكتە، يىغىندا ئۇرفى قەبىلە ئاقساقىلى مەسئۇد ئۆمەر ئابدۇلۋەلى، « مىسىر پرېزىدېنتى سىسى ۋە ھۆكۈمىتىدىن توبرۇك ھۆكۈمىتىگە كۆپرەك ياردەم بېرىشىنى، ئارمىيەنى قۇراللاندۇرۇش بىلەن بىرگە بۇ ھەقتە دىپلوماتىيە كۈرىشى ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى. مەسئۇد ئۆمەر؛ تېرورغا قارشى كۈرەش تېمىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى قوش بسلىق ئۆلچەم قوللاندى دەپ ئەيىبلەپ؛ « باشقا دۆلەتلەردە تېرورغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك قىلىۋاتىدۇ، لىۋىيەدىكى تېرورغا بولسا دىققەت قىلمايۋاتىدۇ» دېدى.
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى دۆلىتىنىڭ لىىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، لىۋىيەنىڭ ئاساسى غول قىسمىنى قەبىلىلەر تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا قاھىرەدە 350 نەپەر قەبىلە رەھبىرى قاتناشقان يىغىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. قاھىرە تەرەپ لىۋىيەدىكى كىرزىسنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە دۆلەتتىكى قەبىلىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان.
لىۋىيەدە ترابلۇس ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنغان گېنىرال خەلىفە ھافتەر بىلەن مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغان پرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم.
لىۋىيەدە سابىق پرېزىدېنت قەززافىغا قارشى 2011-يىلى 17-فېۋرالدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندىن دۆلەتتە مۇقىملىق ھۆكۈم سۈرمىدى، لىۋىيەدە 2014-يىلى ماي ئېيىدا دەم ئېلىشقا چىققان گېنىرال خەلىفە ھافتەرنىڭ قۇراللىق قىسىملىرى ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ترابلۇس ۋە مىسراتادىكى ئىنقىلابچى كۈچلەر بىلەن ترابلۇس مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىش پىلانىنى بەربات قىلغان. ئەمما ھەربىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى بىلەن لىۋىيە ئىچكى توقۇنۇشقا يۈزلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن لىۋىيەدە ئىككى ئارمىيە ۋە ئىككى قارشى ھۆكۈمەت شەكىللەنگەن.. ئىنقىلابتىن كېيىن لىۋىيەدە مۇقىملىق ھۆكۈم سۈرمىگەن بولۇپ، پات-پات تۈرلۈك قۇراللىق گۇرۇپپىلار ئارىىسدا توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved