ئامېرىكىنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى ھاگېل تۈنۈگۈن: ئامېرىكا ئافغانىستاندا تەخمىنەن 10800 ئەسكىرىنى قالدۇرۇپ قويماقچى. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى پىلانىدىن مىڭ كىشى ئارتۇق دېدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئىلگىرى بېكىتكەن پىلانى بويىچە ئامېرىكا 2014-يىلىدىن كېيىن ئافغانىستاندا 9800 ئەسكەر قالدۇرۇپ قويماقچى ھەم 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ، ئەلچىخانىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش سەۋىيەسىنى ساقلىماقچى ئىدى. ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تۇراقلىق بولمىغاچقا، ئوباما يېقىندا يەنە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھوقۇق چەكلىمىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندىكى تالىپانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نىشانلارغا زەربە بېرىشىگە رۇخسەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved