4 - يانۋار شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن «تەرەققىيات ئوچۇق بولۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش − شىنجاڭ يىپەك يولى ئىجادكارلار تور ئىتتىپاقى» پائالىيىتى جياڭشى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا باشلاندى. بۇ ئىتتىپاق مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىنجاڭلىق ئىستۇدېنتلارغا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق ياشنى ئىلغار ئالاقە تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بايلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەت سىڭدۈرۈلگەن، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغان سەھنە بەرپا قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى. بۇ ئىتتىپاق تور دۇنياسىدىكى «كارۋان» − «يېڭى يىپەك يولىدىكى ئىجادكارلار كارۋىنى» ئاساسىدا قۇرۇلغان. جياڭشى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مىرئادىل مەمەتئابلا قۇرغان بۇ ئىجادكارلار، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر كوللېكتىپىغا بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى 150تىن كۆپرەك مۇنەۋۋەر شىنجاڭلىق ئىجادكار ئوقۇغۇچى قاتناشتى. ئۇلار بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا 47 تارماق پونكىت تەسىس قىلىپ، يۈزدىن ئارتۇق شىركەت ۋە دۇكانغا ئىگە بولدى.
پائالىيەتنى باشلاش مۇراسىمىدا، «يېڭى يىپەك يولى ئىجادكارلار كارۋىنى»نىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن، چاڭچۈن قاتارلىق جايلاردىكى ئون تارماق پونكىتىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە جياڭشى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتىدىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئىجادكارلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسىدىن بەھرىمەن بولدى. ئىجادكارلارنىڭ ھەقىقىي، جانلىق بايانلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
فۇجيەنلىك ياش سودىگەر خۇاڭ چاڭخۇي تورنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، شىنجاڭدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىنى غەربتىكى «تاۋباۋ 1 - كەنتى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى؛ 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا تۇغۇلغان ياش نەقىش لايىھەلىگۈچى ئابدۇرىشىت ئابدۇرېھىم ئەتلەستىكى گۈل نەقىشلىرىنى قايتا رەتلەپ ھەم ئۇنىڭغا زامانىۋى ئامىللارنى قوشۇپ، ئەنئەنىۋى سانائەتنى دۇنيا سەھنىسىگە يۈزلەندۈرمەكچى بولدى... شىنجاڭدىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ئىجادكارلار ۋەكىللىرىمۇ بۇ جايدا جەم بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كۈندىن - كۈنگە زورىيىۋاتقان يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى نامايان قىلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «شىنجاڭ يىپەك يولى ئىجادكارلار تور ئىتتىپاقى» شىنجاڭدىكى «يېڭى يىپەك يولى ئىجادكارلار كارۋىنى»، «شىنجاڭ يېڭى يىپەك يولى ئىجادكارلار بوشلۇقى»، «قەشقەر ئىجادكارلار بوشلۇقى» قاتارلىق 255 ئۆمەكنى قوبۇل قىلغان. جياڭشىدىكى جياڭشى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئىجادكارلار بوشلۇقى قاتارلىق 20 ئىنستىتۇتنىڭ ئىجادكارلار ئۆمىكى، بېيجىڭ «چېكۇ» قەھۋەسى قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى بەش ئىجادكارلار بوشلۇقى ۋە 30 كۆپەيتىش بازىسى تۇنجى تۈركۈمدە بۇ ئىتتىپاققا جەلپ قىلىنغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved