نۇر بەكرى شىۋېتسىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى لارس فرېدېن بىلەن كۆرۈشتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 22 – سېنتەبىر كەچتە شىۋېتسىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى لارس فرېدېن بىلەن كۆرۈشتى.

 

نۇر بەكرى لارس فرېدېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش سۈپىتى بىلەن روشەن رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھازىر، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈشى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

 

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش تەسەۋۋۇرىدا شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاسىيا – ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىش ئاسىيا – ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يېپيېڭى تەرەققىيات، ھەمكارلىق بوشلۇقى يارىتىپلا قالماستىن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېپىلغۇسىز پايدىلىق پۇرسەتكە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيە، بايلىق، رايون ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇردى. شىنجاڭ شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە چىقىرىشتىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، ئەتراپىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر – بىرىنى تولۇقلاشچانلىققا ئىگە. شىنجاڭ تۆت نۆۋەتلىك جۇڭگو ياۋروپا – ئاسىيا كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، بۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

 

باش ئەلچى لارس فرېدېن ئەپەندىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدىكى بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق شىۋېتسىيە بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىۋېتسىيەلىك تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئېچىش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

لارس فرېدېن مۇنداق دېدى: بۇ شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىم كېلىشىم. شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپتۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



24-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
11-05-2016
    كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بۇ داچا ھوللېۋودتىكى چولپانلار يىغىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 2787 كىۋادرات كېلىدىغان بۇ داچىدا 10 ھۇجرا ئۆي بار ئىكەن، بۇ ئىلگىرى ئامېرىكىلىق ئايال چولپان بابارا. سترىېساندنىڭ...
10-05-2016
    بۇ يىل 1-ئايدا بىز مىكرو سوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ساتيا نادېللانىڭ ۋاشىنگىتون ئىشتاتىنىڭ Clyde Hill شەھىرىگە جايلاشقان ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىنى ساتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق، Gee...
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
Powered by Leglek