ئىستۇدېنتلار قايسى خىل ئۇسۇلدا پۇل تاپسا بولىدۇ؟

ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، ئۆز-ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش - كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇسى. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا–ئانىسىغا يۆلۈنۈۋالماي، ھەر خىل خىزمەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ تېما توغرىسىدا مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇل تېپىشتىكى يەتتە خىل ئۇسۇلىنى يىغىنچاقلاپ چىقتى.

 


ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، ئۆز-ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش - كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇسى. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا–ئانىسىغا يۆلۈنۈۋالماي، ھەر خىل خىزمەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ تېما توغرىسىدا مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇل تېپىشتىكى يەتتە خىل ئۇسۇلىنى يىغىنچاقلاپ چىقتى.

 

 

1. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى - ئەڭ ئىشەنچلىك ئىقتىسادىي مەنبە.

 

ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا، بىلىم ئىگەللەش بولسا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى. شۇڭلاشقا ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوخشىمىغان تۈرلەردە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىنغان. بىراق دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئادەتتە 1-، 2-، 3-دەرىجىلەرگە بۆلىنىدۇ. 1-دەرىجىلىك مۇكاپات تەخمىنەن 2000-3000 يۈەنگىچە، 2-دەرىجىلىك مۇكاپات تەخمىنەن 1000-2000 يۈەنگىچە، 3-دەرىجىلىك مۇكاپات 1000 يۈەندىن تۆۋەن بولىدۇ. بىراق بۇ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، %30 ئوقۇغۇچى بۇ خىل ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تىرىشچانلىققا تايىنىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئاسان مەبلەغكە ئېرىشكىلى بولىدىغان يول بولالايدۇ.

 

 

2. ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى - ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان پۇل تېپىش ئۇسۇلى.

 

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارزۇلۇق، ئەركە چوڭ بولغان بالىلار بولۇپ، ئۇلاردا ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ بولالمايدىغان ئاجىزلىق بار. ئۇ بولسىمۇ ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە ئەمەس. ھەقىقىي قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى كەمچىل. شۇڭلاشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پەقەتلا ئۆزلىرى پىشىشق بىلىدىغان ساھەنى ئىزدەپ تاپقاندىلا، ئاندىن پۇل تاپالايدۇ. بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئىشلىتىپ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشى ئۇلار ئەڭ پىشىشىق بىلىدىغان ھەمدە قىلىشقا ماھىر بولغان كەسىپتۇر. شۇڭا ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش يولى ھېسابلىنىدۇ.

 

 

3. قوشۇمچە ۋەزىپىلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش - ئەڭ ئېتىبارلىق خىزمەت شەكلىدۇر.

 

بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئوخشىمايدۇ. ئىستۇدېنتلار ئادەتتە شەخسىيلەر ئاچقان مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر خىل تەربىيەلەش مەكتەپلىرىگە بېرىپ دەرس ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قەدەر ئاسان تاپالايدىغىنى ئاساسلىقى ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتىر ۋە قانۇن قاتارلىق كەسىپلەردىن دەرس ئۆتۈش بولۇپ، بۇلار ئەڭ ئومۇملاشقان كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاساس قىلىنغان. بۇ ئىش كەسپىي ئىقتىدارى يۇقىرى، دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ.

 

 

4. ماقالە يېزىش - كىشلەر ئەڭ ھەۋەس قىلىدىغان پۇل تېپىش ئۇسۇلى.

 

بىر قىسىم قەلەم كۈچى كۈچلۈك، تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گېزىت-ژۇرناللاردا، ھەتتا تور بىكەتلەردە ماقالە ئېلان قىلىدۇ. قەلەم ھەققىمۇ بىر قەدەر ياخشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلغاندا تېز سۈرئەتتە نام چىقارغىلى بولىدۇ. ھازىر بىر قىسىم گېزىتلەردە بىر قانچە مىڭ خەت ئەتراپىدا ئەسەر ئېلان قىلسا، تۇرمۇش خىراجەت پۇلى ئەسەرنىڭ قەلەم ھەققى بىلەن ھەل بولدى، دېگەن گەپ. شۇڭلاشقا بىر قىسىم ئىستۇدېنتلار ماقالە يېزىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە ۋە ژۇرنال تەھرىراتلىرىغا تايىنىپ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالايدۇ.

 

 

5. تەرجىمانلىق - ئەڭ ئېتىبارلىق پۇل تېپىش ئۇسۇلى.

 

شىركەتلەرگە چەت ئەل تىلى ماتېرىياللىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىش بولسا، چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتى ياكى ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كىرىم قىلىش يولى ھېسابلىندۇ. تەرجىمانلىق قىلىشتا تۆۋەن مائاش ئالىدىغان ئىشمۇ بار، يۇقىرى مائاش ئالىدىغان ئىشمۇ بار. ئاغزاكى تەرجىمانلىقنىڭ ئىش ھەققى بىر قەدەر يۇقىرى، يېزىقچە تەرجىمانلىقنىڭ ئىش ھەققى بىر قەدەر تۆۋەن. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپىي بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن، ئۇچرايدىغان چەكلىمىسىمۇ بىر قەدەر كەڭ بولىدۇ. شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ خىل كەسىپتىن ئىش باشلىسا بولىدۇ، دېيەلمەيمىز. بۇ پەقەت ئىقتىدارغا باغلىق ئىش.

 


6. مال ساتقۇچى بولۇش - باي بولۇشقا جەڭ ئېلان قىلىشتۇر.

 

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قۇشۇمچە قىلىدىغان خىزمەت دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ بەزىلىرى شىركەتلەردە قۇشۇمچە خىزمەت قىلىدىغان ياللانما خادىم، يەنە بەزىلىرى مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى قۇشۇمچە خىزمەت قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە مال سېتىش خىزمىتىنى قىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. مال سېتىش بولسا بىر خىل نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىدىغان ۋە باي بولۇشقا جەڭ ئېلان قىلىدىغان خىزمەت. غەلبە قازىنىش ئارزۇسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ.

 

 

7. توردا دۇكان ئېچىش - ئەڭ مودا بولۇۋاتقان پۇل تېپىش ئۇسۇلى.

 

نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى. ئادەتتە كۆپىنچىسى ئويۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلىدۇ. بىراق نېمىشقا بۇنچە كۆپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدۇ؟ مېنىڭچە توردا دۇكان ئېچىپ ھەر كۈنى 1-3 سائەتكىچە ۋاقىت چىقىرىپ تەشۋىق قىلىش ۋە زاكاز قىلىدىغان خېرىدار ئىزدەش ئارقىلىق ئىنتايىن ياخشى تىجارەت قىلغىلى بولىدۇ. بىراق مال مەنبەسى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ، چوقۇم ياخشى بىر مەھسۇلاتنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇش كېرەك. ئاز مەبلەغ سېلىپ، خەتەرسىز، ۋاكالىتەن مال سېتىش ئارقىلىق تەننەرخىنى ئازايتىپ مال كىرگۈزۈپ مال ئەۋەتىدىغان ئاۋارىچىلىقتىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
27-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى، بېيجىڭ ماشىنا كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈش. قائىدە بويىچە كۆرگەزمىنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش كۈنى. تۇنجى كۈنى تاماشىبىنلار نەق مەيداندىكى ماشىنىلاردىن ھوزۇرلاندى.
27-04-2016
     يېقىندا بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Kantar Worldpanel ComTech ئەقلىيفون مەشغۇلات سىستېمىسى جەھەتتىكى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتىن مەلۇم بولىشىچە، 2016-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئاندىرويىد مەش...
27-04-2016
     گەرچە ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەتئەلدىن ۋەكالىتەن مال سېتىۋېلىشقا قارىتا ناھايىتى قاتتىق بولغان باشقۇرۇپ كونترول قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قارىماققا چەتئەلدىن ۋەكالىتەن مال سېتىۋېلىش دولقۇنىنى ...
27-04-2016
     يىچى جىلىن بايرىقى ئاستىدىكى پۈتۈنلەي يېڭى كىچىك تىپتىكى SUV سېنيا R7 بۈگۈن كەچتە بازارغا سېلىنىدۇ، كونكىرت باھاسى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 5:00-6:00 ئارىسىدا ئېلان قىلىنىدۇ. يىچى پۈتۈنلەي يېڭى مۇستەقىل سۇپا ئاساسىدا يا...
27-04-2016
    چېڭدۇ پىشيەن قەدىمىي شەھىرى بازىرى جىلۇ كەنتىدە 100 گە يېقىن قەپەس ئۇستىسى بار، قەدىمىي شەھەرنىڭ بامبۇكتىن قەپەس توقۇش ھۈنىرى سىچۇەن ئۆلكىسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. جىلۇ كەنتى «قەپەس م...
27-04-2016
     بۇ يىل 1- ئايدا چۈشۈش توختاپ ئۆسۈش باشلانغاندىن كېيىن، جۇڭگو سانائەت كارخانلىرىنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 3- ئايدىمۇ داۋاملىق ئاشقان. جۇڭگو دۆلەتلىك ستاتىسىكا ئىدارىسىنىڭ 27- ئاپرېل سانلىق مەلۇمات ئېلان ق...
27-04-2016
     4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئىككى كۈنلۈك فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى (FOMC) پۇل سىياسىتى يىغىنى ئاچىدۇ، ھەم پەيشەنبە(4-ئاينىڭ 28-كۈنى) بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 2:00 دە، ئۆسۈم ن...
27-04-2016
    يېڭى زىنلاندىيە زاپاس بانكىسى (مەركىزى بانكىسى) 26-ئاپرېل يېڭى نۇسخىدىكى بەش يېڭى زىنلاندىيە دوللىرى قەغەز پۇلنىڭ دۇنيا قەغەز پۇل ئىلمىي جەمىيىتى تەرپىدىن 2015-يىللىق ئەڭ ياخشى قەغەز پۇل دەپ باھالانغانلىقىنى ئېلان قىلد...
27-04-2016
    ئامېرىكا تېخنىكا تورى SiliconValley.com نىڭ يىغىپ رەتلىگەن سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 2015-يىلى كېرمىنىي جىلغىسىدىكى پېيىنى بازارغا سالغان ئەڭ چوڭ 150 تېخنىكا شىركىتى ئىچىدە، ئالما شىركىتىنىڭ پايدىسى بۇ 150 شىركەت ئ...
27-04-2016
    4- ئاينىڭ 26-كۈنى، گېرمانىيە ھاننوۋېر سانائەت كۆرگەزمىسىدە، كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلار جۇڭگو خۇاۋىي شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە سەھنىسىدە مەۋھۇم رېئاللىق ئۈسكۈنىسىنى سىنىماقتا. شۇ كۈنى، 2016-يىللىق ھاننوۋېر سانائەت كۆرگەزمىسى ئى...
Powered by Leglek