ھازىر سامسۇڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە كۆپ قىسىم كارخانىلار مېتال گەۋدىلىك يانفونىغا ئاليۇمىن قېتىشمىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، سامسۇڭ شىركىتى يىقىن كەلگۈسىدە ماگنىي قېتىشمىسى ماتىىرىيال قىلىنغان يانفون ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان، بۇنداق بولغاندا، يانفون تېخىمۇ يېنىك بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاليۇمىن قېتىشمىسىغا ئوخشاشلا قاتتىق ۋە سۈركىلىشكە چىدامچان بولىدىكەن.
سىرتقى شەكلىدىن قارىغاندا، ماگنىي قېتىشمىسى بىلەن ئاليۇمىن قېتىشمىسىنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەسكەن، بىراق، ماگنىي قېتىشمىسىنىڭ سېلكىنىش ۋە بېسىم كۈچىنى ئۆزىگە سۈمۈرۈش ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى ئىكەن، يەنى زەربىگە ئۇچرىغاندا زەخمىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىمسىز ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ تارقىلىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئالىيۇمىن قېتىشمىسىدەك چوڭ بولمايدىكەن، قىسقىسى، مېتالدىن ياسىلىدىغان يانفونلارغا ماگنىي قېتىشمىسى ماتىرىيال قىلىنغاندا، ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىشلىتىش تۇيغۇسى بېرەلەيدىكەن. بىراق، نۆۋەتتە تېخى ھىچقانداق كارخانا ماگنىي قېتىشمىسىنى ماتىرىيال قىلىپ يانفون ئىشلەپچىقىرىپ باقمىغان، بۇنىڭ سەۋەبى، تەننەرخى ئاليۇمىن قېتىشمىسىغا قارىغاندا يۇقىرى بولۇپ كېتىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئىستېمالچىلار ئۇنى ھەقىقىي ياقتۇرسا، باھاسى سەل قىممەت بولسىمۇ قوبۇل قىلالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved