ئىتالىيەنىڭ ساھىبجامال رېپىرى پۈتۈن ياۋروپانىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى

ئىلگىرىكى دۇنيا بويىچە بىرىنچى بىرلەشمە مۇسابىقىسى، ھەتتا « كىچىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى» دەپ نام ئالغان ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھازىر بۇرۇنقىدەك نامى قالمىدى. بىراق بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك « ئىتالىيە بىرلەشمىسى پات يېقىندا ناھايىتى كۈچلۈك يۆلەكچىنى كۈتىۋالىدۇ.» پەقەت بۇ كۈچلۈك يۆلەك ھەرگىزمۇ مەلۇم داڭلىق توپچى بولۇپ قالماستىن بەلكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ساھىبجامال رېپىر.

 

«رىم تەنتەربىيە گېزىتى» ئاللىقاچان « ئىتالىيە ئەڭ گۈزەل رېپىر» دېگەن نامنى بۇ ئايال رېپىر ئېلىننا تامبىنغا بەردى.

 

25 ياشلىق تامبىننىڭ پۇتبول رېپىرىدىن باشقا يەنە بىر سالاھىيىتى بولسا مودىل. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ھازىر تامبىن تېخىچە ئىتالىيەنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىلەرگە رېپىرلىق قىلىدۇ. بىراق ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە تامبىن ناھايىتى تېزلا ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ۋە ئىتالىيە B دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ رېپىرلىقىنى قىلىدىكەن. ھەتتا دۆلەت كوماندىسىنىڭ رېپىرلىقىنىمۇ قىلىش مۇمكىن ئىكەن.

 

دۇنيا پۇتبول ساھەسىگە قارايدىغان بولساق ئايال رېپىرلار ئىزچىل كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى قىزىق نۇقتا. ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىلەرگە رېپىرلىق قىلىدىغان ئايال رېپىرلار كۆپ ئۇچرىمايدۇ. ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى مەيدانىدىكى ياردەمچى رېپىر سېن مارسىي بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىزىق نۇقتىلىق شەخسكە ئايلانغانىدى. بۇ قېتىم بۇ ساھىبجامال مودىل مەيداندا مۇسابىقىگە رېپىرلىق قىلسا مەيداندا توپ تېپىدىغان توپچىلار دىققىتىنى يېغىپ مۇسابىقە ئوينىيالامدۇ يوق بۇنىسى تېخى نامەلۇم.

 

ھازىر تامبىن ئاللىبۇرۇن پۈتۈن ياۋروپا نەزىرىنى ئاغدۇرۇۋاتقان قىزىق نۇقتىلىق شەخسكە ئايلاندى. ياۋروپانىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ ساھىبجامال رېپىرنىڭ گۈزەل سۈرەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. خۇددى «رىم تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش :« ئۇ ھازىر پۈتۈن ياۋروپانى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالدى.»ھەتتا بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى تامبىننى ئىتالىيە پۇتبولىنى قۇتقۇزىدىغان كىشى قاتارىدا كۆرمەكتە.

 

ئەنگىلىيەنىڭ « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» بۇ ئەھۋالنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دېگەن: « ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىتالىيە پۇتبولىغا بولغان قىزغىنلىقىنى قايتىدىن يالقۇنجىتىدۇ.»

 

سىنا تورى تەنتەربىيىسى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK



خەتكۈچلەر:
22-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek